خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى
ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى -- دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا . --50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.
ماۋ زېدوڭ "زىيالىيلارنى ئۆزگەرتىش"نى نېمىگە ئاساسەن پىلانلىغان؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 1949 - يىلىدىن بۇرۇن خىتايدا يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشاتتى. بۇنىڭ بىر قىسمى غەرب ئەللىرىدە ئۇقۇپ كەلگەن "ئەجنەبىچە" زىيالىيلار ئىدى. زىياليلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنىڭ خەلقنىڭ ئېڭىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسى بويىچە ، جەمىيەتتە "ئەھلى-ئىلمىيلەر" دەپ ئاتىلىپ ئالى ھۆمەتكە سازاۋەر ئىدى. ماۋ زېدوڭ بۇرۇندىنلا زىيالىيلارغا ئۆچ بولغاچقا، ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھامان "زىيالىيلارنى ئۆزگەرتىش" نى پىلانلىدى.
ماۋ زېدوڭ ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1951 - يىلى "ۋۇ شۈننىڭ تەرجىھالى" دېگەن كىنو فىلىمىنى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭدا، تارىختا ئۆتكەن "تىلەمچىلىك قىلىپ پۇل توپلاپ مەكتەپ ئاچقان بىر ئالىيجاناب كىشى" نىڭ ئوبرازى مەدھىيىلەنگەن ئىدى. ماۋ زېدوڭ بۇنداق تەسىرلىك تارىخىي ئۈلگىنى تەنقىدلەپ، سېسىتىش ئارقىلىق زىيالىيلار ئارىسىدا ئىدىيىۋى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئاندىن زىيالىيلارنى كۆز قاراش جەھەتتىكى پەرقلەر بويىچە پارچىلاپ، بېسىپ بوي سۇندۇرماقچى بولدى.
پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ ئورگانلىرى زىيالىلارغا بەدنام توقۇشنى قانداق باشلىغان؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ماۋ زېدوڭ "ۋۇ شۈننىڭ تەرجىھالى" نى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكى دەرھال بۇنىڭغا ماسلىشىپ، زىيالىيلار مۇشۇ ھەرىكەت جەريانىدا "پارتىيىگە تارىخىنى تاپشۇرۇپ، كونا ئىللەتتىن خالاس بولۇش" دېگەن بىر ھېلە-مىكرىنى بازارغا سالدى. بۇ ئورگان زىيالىيلارنىڭ ئۆز تارىخىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى ھەققىدە راست سۆزلەپ يازغان ۋەقەلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ "جىيانەت دېلو"سىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىدى. ماۋ زېدوڭ بولسا بۇ "دېلو" لارغا ئاساسەن، 1955 - يىلى، ئالى دەرىجىلىك زىيالىلاردىن خۇفېڭ ئەپەندىنى "ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھ" دەپ جاكارلاپ، شۇ باھانە بىلەن زىيالىلارنى باستۇرۇشقا كىرىشتى.
ماۋ زېدوڭنىڭ "چوڭ ئېچىلىش - سايراش" دېگىنى ئاخىر چوڭ ئالدامچىلىق بولۇپ چىقتى
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 1957 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېدوڭ زىيالىلارنى ئۆتكەن بىرقانچە يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان " ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش" قاتارلىق سىياسى ھەرىكەتلەردە ناھەق بولۇپ قالغان ئىشلار بولسا، بۇ ھەقتە پارتىيىگە پىكىر-تەكلىپ بېرىشكە، "كۆڭۈلدە بارىنى قالدۇرماي سۆزلەش" كە چاقىردى. بۇ ھەرىكەتنى "چوڭ ئېچىلىش - سايراش" دەپ ئاتىدى. "سۆزلىگىچىدە گۇنا يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالىدۇ" دەپ ئالاھىدە ۋەدە بەردى. پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ مىنىسىتىرى لى ۋېيخەن ئەپەندى ئۆزى زىيالىلارغا مەخسۇس تەكلىپنامە ئىبەرتىپ ، ئاتاغلىق زىيالىلاردىن جاڭ بوجۈن ئەپەندىنى "پىلانلانغان سىياسى سۈيى-قەستلەر" دېگەن تېمىدا، لوڭ يۈن ئەپەندى "سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سەپسەتىلەر" دېگەن تىمىدا، لو لۇڭجى ئەپەندىنى "ئەكسىلئىنقىلاپچى قىلىپ قۇيۇلغان كىشىلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم" دېگەن تىمىدا؛ لى شىيۈنى "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ فىئودال سوتىسيالىزمغا تەنقىد" دېگەن تېمىدا؛ ۋۇ زۇگۇئاڭنى "كەسپ ئەھلى بولمىغان كوممۇنىستلار ئەدەبىيات -سەنئەتكە رەھبەرلىك قىلىشنى بالدۇرراق توختاتقىنى ياخشى" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. "چوڭ ئېچىلىش - سايراش" تازا ئەۋج ئېلىۋاتقاندا، پارتىيە مەركىزى كومىتىتى بىر ھۆججەت تارقاتتى. ئۇنىڭغا ماۋ زېدوڭ ئۆزى ئىمزا قويۇپ
"يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئوڭچىلار غالجىرلاشتى، ئۇلار 7 بال تايفون بورىنى چىقىرىپ كوممۇنىست پارتىيىنى يوقاتماقچى بولدى" دەپ تەستىق يازدى. دېمەك، زىيالىلارنى پارتىيىگە پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىش، ئەمەلىيەتتە بىر سىياسى ئالدامچىلىق ياكى زىيالىيلار ئۈچۈن قۇرۇلغان خەتەرلىك توزاق ئىدى. ماۋ زېدوڭ بولسا ئاللىقاچان زىيالىيلارنى چاپىدىغان قىلىچىنى بۆلەپ تەييارلاپ قويغان ئىدى.
"ئوڭچى" دېگەن زىيالىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن توقۇلغان بەدنام
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى چوڭ ئېچىلىش - سايراشتىن كېيىن ماۋزېدوڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن 550 مىڭ ئادەمنى "ئوڭچى" دېگەن سىياسى قالپاقنى كەيگۈزۈپ باستۇردى. زىيالىلاردا "ھاقارەتكە تىز پۈككەندىن كۆرە ئۆلگەن ياخشى" دەيدىغان ئەنئەنىۋېي كۆز قاراش بار ئىدى. ماۋ زېدوڭ بولسا زىيالىلارغا قارىتا جازاغا قايىل بولمىغانلارنى نادان ئادەملەنىڭ قولى بىلەن "كۆرەشكە تارتىپ ھەيۋېسىنى سۇندۇرۇش" ياكى "ئېغىر ئەمگەككە سېلىپ ئۆزگەرتىش" دېگەندەك تېخىمۇ ھاقارەتلىلىك سىياسەت قوللاندى.
ماۋ زېدوڭ ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر قەبىھ زالىملىق قىلالىغىنىغا كۆرەڭلىگەن ھالدا "تارىختا ئۆتكەن چىن شىخۇئاڭ دېگەن پادىشاھ بىزنىڭ ئالدىمىزدا نېمە ئۇ، ئۇ كىتاپ يازغان زىيالىدىن ئاران 4 - 500 نى يۇشۇرۇن ھالدا تىرىك كۆمگەن ئىكەن. بىز بولساق "ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش" دېگەن ھەرىكەتتىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھەسسە كۆپ زىيالىينى ئاشكارا ھالدا "تىرىك كۆمۈپ تاشلىدۇق" . دېمۇكراتىك زاتلار مىنى "چىن شىخۇئاڭ" دەپ تىللاپتۇ، بۇ توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەن چىن شىخۇئاڭدىن بىر نەچچە يۈز ھەسسە ئاشۇرىۋەتتىم" دەپ جاكارلىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)