خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (11)خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى

ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى.-- دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا - 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.

دىنىي سورۇنلارنى نىمە ئۈچۈن "ساياھەت رايۇنى"غا ئۆزگەرتىۋالدى؟

"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھەرخىل سىياسى ھېلە-مىكرىلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئەزەلدىن تارتىپ ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان خەلق ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرىدا پائالىيەت قىلاتتى. چەتئەللەردە ياشايدىغان مۇھاجىرلارمۇ ئۆز كالىندارى بويىچە مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزلىرنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلاتتى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغاچقا، خەلق ئىچىدە تارىخىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. خەلق ئىچىدىكى مەخسۇس دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدىغان سورۇنلارنى "ساياھەت رايونى" غا ئايلاندۇرىۋېلىپ، خەلقنىڭ تىنچ مۇھىتتا ئېلىپ بارىدىغان دىنىي پائالىيەتلىرىگە دەخلى - تەرۇز قىلدى. دىنىي سورۇنلارغا "زىيارەت" دېگەن نام بىلەن دىنسىزلارنى باشلاپ كېرىپ قالايمىقانچىلىق سالدى. خەلق تىنچ ھالدا ئىبادەت قىلىدىغان پىنھان سورۇنلار چاڭچىلە، داقا-دۇمباق، ۋاڭ-چۇڭ ئۆكسىمەيدىغان ئويۇن - تاماشا سورۇنلارغا ئايلاندى. ھەتتا ھەرخىل نامدىكى ئەيش-ئىشرەت داۋاملىشىدىغان قۇرۇلۇشلارنىمۇ دىنىي پائالەت رايونلىرىدا بىنا قىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇشۇنداق "دوپپا ئالماشتۇرۇش" دېگەن ھېلە-مىكرىنى قوللىنىپ، ئەزەلدىن دىنىي ئىبادەت داۋاملىشىپ كەلگەن تىنچ سورۇنلارنى دىنىي مەزمۇندىن خالى ساياھەت رايۇنلىرىغا ئايلاندۇرىۋېلىپ، دىنىي مۇھىتنى دىنسىزلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى.

بىگۇنا خەلقنى قىرىۋېتىشقا كۆڭلى قىيدىكى، ئەمما دېموكراتىيىگە مېڭىشقا رايى بارمىدى

"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش شەكىللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلققە قارىتا مۇستەبىتلىكنى، جەمىيەتنى بىكىلمە ھالەتتە تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى. خەلقنىڭ پىكىر قىلىش، سۆزلەش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ھەرخىل باھانە بىلەن چەكلىدى.

50 نەچچە يىلدىن بۇيان خەلققە تەڭلەپ تۇرغان قانلىق قىلىچىنى قولىدىن تاشلىمىدى. خەلق ئىچىدە كىملەر ئۆز - ئارا كۆپرەك ئارىلاشسا، ئۇلارنى "تەشكىلات" دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا بەدنام ئىزلىدى. "قانۇن" دېگەننى ئۇلار خەلققە قارىتا چىقارغان، ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ھەرگىز بوي سۇنمايدۇ. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دېگەننى يولغا قويسا، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى يوقىلىپ كېتەتتى. گەرچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1989 - يىلى تىيەنئەنمېندە نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، دېھقانلار، ئىشچىلار، زىيالىيلار ۋە ھەربىلەر ۋەكىلى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل كەلگەن بولسا، ئۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىيىگە ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالاتتى. شۇڭلاشقا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەربى قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان خەلقنى قىرىۋېتىشقا كۆڭلى قىيىدىكى، ئەمما دېموكراتىيىگە مېڭىشقا رايى بارمىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى جەمىيەتنى قاتتىق سىياسى بېسىمغا تايىنىپ بىكىلمە ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.

خەلق ھەممىلا جايدا پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا

"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يولغا قويىۋاتقان مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ شەكىللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى خەلقنى قانداق قىلىپ ئېزىشنىلا ئويلىدى. جايلاردىكى نوپۇس تۈزۈمى، ئاھالىلار كومىتېتى تۈزۈمى، ھەربى قىسىملاردىكى، زاۋۇتلاردىكى، يېزىلاردىكى، قانۇن ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە ياچېيكىسى تۈزۈمى، نەرسىلەر خەلقنى مىدىر - سىدىر قىلغۇزمايدۇ. كىمنىڭ بالا تۇغۇش - تۇغماسلىقىنىمۇ شۇلار بىۋاستە قارار قىلىدۇ. پۈتۈن خەلق ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ھەر كىمنىڭ ھايات - ماماتلىغىمۇ ئۇلارنىڭ قولىدا.

پارتىيىنىڭ بىگۇناھ خەلققە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشتىكى باھانە سەۋەبلىرى

"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلقنى ھەرخىل تۈرگە ئايرىۋالغان. ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى بار ياكى جەمىيەتتە ئابرويى بار ياكى ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ گەپ سۆز قىلالايدىغان جۈرئەتلىك كىشىلەرنى پومېشچىك، باي دېھقان، ئەكسىلئىنقىلاپچى، ئوڭچى، بۇزۇق ئۇنسۇر، بۆلگۈنچى، ۋاھاكازا دېگەن دۈشمەن تۈرىگە ئايرىۋالغان. ئۇلارنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى بولسا "تەربىيىلەپ كەتكىلى بولىدىغان كىشىلەر" دېگەن تۈرگە ئايرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئۇلارغىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار ئۈچۈن تۇغقانلىرىنى "پاش قىلىپ مۇكاپات" ئېلىشتىن ئىبارەت بىرلا چىقىش يولى قالدۇردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەتتا ئۆزىگە ئەگەشكەن "ئاكتىپلار" غىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ئۇلارمۇ نازارەت ئاستىدا، ئۇلارنىمۇ ھەرخىل بەدنام بىلەن جازالاشقا تەييار. (داۋامى بار) (ۋەلى)