خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى
ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا - 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ "تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش" دېگەن ھېلە-مىكرىسى
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىكنى ئىجرا قىلىدىغان ھەرخىل تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىر سىياسى ھەرىكەت قوزغىماقچى بولسا، ئالدى بىلەن "تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش" توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. خەلقنى ئەركىن پىكىر قىلغۇزماسلىق ۋە دېمۇكراتىيە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن مەركىزى كومىتېتنىڭ مۇددىئاسىنى ‘ئەڭ ئالى يوليۇرۇق" ، "بىر جۈملىسى مىڭ جۈملىگە تەڭ ھەقىقەت"، شۇنىڭ ئۈچۈن "پارتىيە بىلەن ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك"، "پارتىيە كۆرسەتكەن نىشان بۇيىچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك" ، "پارتىيىنىڭ ئىتائەتمەن قورالى بولۇش كېرەك" دەپ تەكىتلەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ گېزىت-ژورنال، تېلېۋىزىيە، رادىئولىرى ھەممىسى ۋاڭ - چوڭ كۆتۈرۈپ دوست تارتىشىپ، بۇ سۆزلەرنى ئۈزمەي تەكرارلاپ تۇرىدۇ. سىرتقى دۇنيادىن خەلقنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىدىغان بۇنىڭدىن ئۆزگە ئاۋاز يوق. مەتبۇئاتلار جەمىيەتتە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىرەر گەپ - سۆزنىڭ بولىشىنى قەتئى چەكلەيدۇ. بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن خەلق ئىچىدە ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىغان تەدبىرى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ دۆلەت ئىچىگە ۋە دۇنياغا تېرولۇق قىلىشى
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا دۆلەت ئىچىدە بىرەر ئاپەت ياكى بىرەر چوڭ بالا - قازا يۈز بەرسە، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى "ئادەم ئۆلۈش دېگەن دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش" ياكى " ئۆلگەن بولسا ئۆزىنىڭ شورى" دەپ ئۇنىڭغا ھەرگىز ھېسداشلىق قىلمايدۇ. خەلقئاراغا قارىتا بولسا "8 يۈز مىليون ئادەم ئۇرۇشقا كىرمىسە بولامدۇ؟" ، "ئۇرۇش بولسا چېگرىسىز چەكسىز ئۇرۇش بولىدۇ"، "ئەگەر ئاتوم ئۇرۇشى يۈز بېرىپ خىتاي خەلقىنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ تۈگىسە، يەنە قالغان يېرىمى دۇنيانى ئىگەللەپ يۇرت - ماكان قۇرۇشقا يېتىدۇ" دەپ جار سالىدۇ. بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى خەلققە ۋە پۈتۈن دۇنياغا قىلىنىۋاتقان ئەڭ تىپىك تېررورلۇق بولماي نېمە؟
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ خەلق ئىچىدە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش تەدبىرى
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "سىنىپىي دەرتلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك"، بۇ بىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىمىز دەپ يوليۇرۇق چۈشۈرسە، ئۇنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى "سىنىپى كۆرەشتىكى قان ۋە ياش پەيدا قىلغان ئۆچمەنلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چۇڭقۇر ئورناپ، يىلتىز تارتىپ بېخلانماقتا" دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ. بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ خەلق ئىچىدە كىشىلەر ئارا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت پەيدا قىلىش تەدبىرى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىئى تەشۋىقاتتا يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقىتىن ئايرىلالمايدۇ
"9 باھا" دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىئى تەشۋىقاتتا يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقىتىن ئايرىلالمايدۇ. ئاچارچىلىق بولغان يىللاردا "بىرمۇ يەردىن ئېلىنغان ھۇسۇل 10 مىڭ جىڭدىن ئاشتىئ دەپ يالغان ئەيتمىغانمىدى؟ 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تىئەنئەنمېن مەيدانىدا قىرغىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن "4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە بىرمۇ ئادەم ئۆلمىدى" دەپ يالغان ئەيتمىغانمىدى؟ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يەنە "بىز سارس كېسىلىنى ئاللىقاچان كونترول قىلىپ بولدۇق" دەپ يالغان ئەيتمىغانمىدى؟ "ئاق تاشلىق كىتاب" ئېلان قىلىپ "ھازىر مەملىكىتىمىزدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ياخشى بولىۋاتىدۇ" دەپ يالغان ئېيتمىدىمۇ؟ خەلق سايلىمىغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى "بىز 3 كە ۋەكىللىك قىلىمىز" دەپ يالغان ئەيتىۋاتمامدۇ؟ 30 - يىللاردا ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىن پايدا ئالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "پارتىيىمىز رەھبەرلىك قىلغان ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش" دەپ يالغان ئېيتمىدىمۇ؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنئەنئەندىكى تاغلىق مەھەللىلەرگە بىكنىۋېلىپ ئەپىيۇن ياساش جەريانىدا ئۆلگەن جاڭ سىدېنى "خەلق ئۈچۈن ئۈزۈل-كېسىل خىزمەت قىلغان ئىنقىلابى قۇربان" دەپ يالغان ئېيتمىدىمۇ؟ 50 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كورىيەگە تېجاۋۇز قىلىپ قوزغالغان ئۇرۇشنى "خىتاينىڭ كورىيەگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى" دەپ يالغان ئېيتمىدىمۇ؟ 70 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى ۋېتنامغا تېجاۋۇز قىلغاندا، شۇ ئۇرۇشنى "ۋېتنامنىڭ تىجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇئۇرپ ئۆزىنى قوغداپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى" دەپ يالغان ئېيتمىدىمۇ؟ ھازىريەنە ‘جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلمايمىز" دەپ پۈتۈن دۇنياغا جاكالاۋاتقان تېبەتنىڭ دىنى داھىسى دالەي لامانى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىلچە ئىزا تارتماستىن "تېررورچى" دەپ يالغان ئېيتىۋاتمامدۇ؟
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سۆز ئويۇنى
"9 باھا" دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلقنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھەر دايىم "ئازاتلىق ئۇرۇشى"، "ئازاتلىق ئارمىيە" ، "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" ، "يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن"، "ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش، ھۈرمەت قىلىش، ئېتىۋار بېرىش" دېگەندەك ناھايىتى چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئىبارىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سۆز ئۇيۇنى. ئۇ يەنە خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن "سوتسىئالىزم ياخشى" ، كوممۇنىست پارتىيە بولمىسا يېڭى جوڭگو بولمايتتى" دېگەن ئىبارىلارنى خەلقنىڭ ئېڭىغا مەجبۇرىي تېڭىۋاتمامدۇ؟ (داۋامى بار) (ۋەلى)