خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (13)خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نىمىگە تايىنىپ ئېگىلىك تىكلىدى؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نىمىگە تايىنىپ ئېگىلىك تىكلىدى؟

ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىدا - 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.

كوڭزىنىڭ قارىشىچە "ئالىيجاناب ئادەملەر پارتىيە بولۇپ ئۇيۇشمايدۇ"

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى نېمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى؟" دېگەن قىسمىدا، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىسى پەيدا بولۇش ئالدىدىكى جەمىيەت ئەھۋالى، چەتئەلدىكى نەزىرىيىلەرنىڭ خىتايدىن بازار ئىزلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ توختالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايچىدا "داڭ" دېگەن خەت قاراڭغۇلۇق، سۈيىقەستلىك بىلەن ئۇيۇشقان "گورۇھ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. خىتاي كوممۇنىستلىرى بولسا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق "گۇرۇھى" نى چەتئەل تىلىدىكى ئۇچۇق - يۇرۇقلۇق بىلەن جەم بولۇش، توپلىنىش، چاي بېرىش، مەشرەپ ئۆتكۈزۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان "پارتىيە" دېگەن سۆزگە توغرىلىۋالدى. قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن پەيلاسوپ كوڭزىنىڭ قارىشىچە، "ئالىيجاناب ئادەملەر ئىت بىلەن ئىت، مۈشۈك بىلەن مۈشۈك ھەقەمسايە بولۇشقاندەك پارتىيە بولۇپ ئۇيۇشمايدۇ". خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قانداق قىلىپ جەمىيەتتە پارتىيە بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئىگىلىك تىكلىيەلىگەنلىكى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى جەمىيەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

"كېسەل خىتاي" نى داۋالاش ئۈچۈن لۈكچەكلەر رۇسىيىنىڭ "كوممۇنىزم" دېگەن زەھەر دورىسىنى تاللىۋالدى

"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ خىتايلار قۇرغان مىنگو دەۋرىگىچە بولغان بۇ بىر تارىخى دەۋر--- خىتاي مىللىتى ياتلاردىكى ياكى چەتئەللەردىكى مەسلەكلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچراپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولغان دەۋر ئىدى. "ۋەتەننى قۇتقۇزۇش" دېگەن سۆز شۇ زاماندا خىتايدىكى ھەر قانداق ئۇقۇمۇشلۇق ياكى غايىلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالغان ئىدى. ئاخىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ، "كېسەل خىتاي" نى داۋالاش ئۈچۈن دورا ئىزلەپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتتى. خىتايغا ئەنگىلىيىنىڭ دورىسى كېلىشمىدى. فىرانسىيەنىڭ دورىسىمۇ كېلىشمىدى. ئەمما رۇسىيىنىڭ دورىسى خىتاي جەمىيىتىدىكى لۈكچەكلەرگە يېقىپ قالدى. "ئىسيان كۆتۈرۈپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا ۋە زوراۋانلىق قىلىپ ھۇقۇق تارتىۋېلىش"نى تەشەببۇس قىلىدىغان كوممۇنىزم دېگەن "زەھەر" نى خىتايدا باندىت، لۈكچەكلەر تاللىۋالدى.

9 خىل كوممۇنىزم ئىللىتى جەمىيەتكە يامرىدى

"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا، رۇسىيىدە كوممۇنىست پارتىيە ئىسيان كۆتۈرۈپ زوراۋانلىق ۋاستە بىلەن چار رۇسىيىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىشنى سىناق قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەپسى "پۈتۈن دۇنيا" نى كۆزلەيدىغان بولدى. 1920 - يىلى، كوممۇنىزم ئىنتىرناتسىئونالنىڭ سىبىرىيىدە قۇرۇلغان يىراق شەرق سېكىتارىياتى ۋەكىللىرىنى خىتايغا ئەۋەتىپ "4 - ماي" ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان لى داجاۋ، چېن دۇشىئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىلى جاڭ تەيلېي ئەپەندى 1921 – يىلى 6 - ئايدا ئىركۇسىككە بېرىپ خىتاي ياچېكىسىنى قۇرۇش لايىھەسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن لۈكچەكلەر "پرولېتارىيات" دېگەن سۆز بىلەن، توپىلاڭ "ئىنقىلاب" دېگەن سۆز بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. رۇسىيەنىڭ "زەھەرلىك دورىسى" خىتايدا پارتلاشقا باشلىدى. بىتئەتچىلىك، ئالدامچىلىق، قۇتراتقۇلۇق، كۈرەشكە ئېلىش، بۇلاڭ-تالاڭ ، ئۆكتەملىك قىلىش، ئاداۋەت سېلىش، كونترول قىلىۋېلىش قاتارلىق كوممۇنىزم ئىللەتلىرى جەمىيەتكە يامرىدى.

جەمىيەتنى "كوممۇنىزم" دېگەن بىتئەت قاپلىدى

"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، كاپىتالىزم تەرەققى تاپمىغان باسقۇچتا تۇرغاندا، ماركىسچە ماتېرىيالىزم "پرولېتارىيات ئۇنى پاچاقلاپ پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىدۇ" دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "كوممۇنىزم" دېگەن شۇ خام خىيالغا ئېتىقات قىلىپ، زوراۋانلىق قىلىش شەكىلىنى قوللۇنۇپ ئىدىيە، پەلىسەپە، ئەنئەنە ھەتتا دىن قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە تېرورلۇق قىلىشقا كىئىرشتى. ئۇ خەلقنى كوممۇنىزم دېگەن خام خىيال ياكى بىتئەت ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

ئىشچى، دېھقانلارغا قاراتقان ئالدامچىلىق

"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىنست پارتىيىسى كوممۇنىزم دېگەن خام خىيالنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن "ئىشچىلار سىنىپى ئەڭ ئىلغار سىنىپ" ، "خۇسۇسىيدىن خالى سىنىپ" ، "ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان سىنىپ" ، "ئىنقىلاپنىڭ ئاۋانگارتى" ، "كەمبېغەل دېھقانلار بولمىسا ئىنقىلاپ بولمايتتى"، "كەمبېغەل دېھقانلارغا زەربە بەرگەنلىك ئىنقىلاپقا زەربە بەرگەنلىك" دېگەندەك چىرايلىق گەپلەرنى تۇقۇپ چىقىپ ئىشچىلارغا ۋە نامرات دېھقانلارنى ئالدىدى. شۇنداقلا، "خىتايلار بىلەن خىتايلار ئۇرۇشمايدۇ" دەپ چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىتىپ ماڭدى. ئەمىلىيەتتە ئىشچىلارنى، نامرات دېھقانلارنى "سەھنىگە تىزىپ قۇيىئىدىغان گۇل تەشتەك"لىرىگە ئايلاندۇرىۋالدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق ئالدامچىلىق ئارقىلىق " يەر - مۈلۈك ئېگىلىرىنى، پەن - ئىلىم ئەھلىلىرىنى، تەجرىبىلىك ئىشلەپچىقىقارغۇچىلارنى ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى يوقىلىپ تۈگەشكە يۈزلەندۈرمەكتە. (داۋامى بار) (ۋەلى)