خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نىمىگە تايىنىپ ئېگىلىك تىكلىدى؟
ماۋزېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىدا - 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.
قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئارقىلىق خەلق ئىچىدە ئاداۋەت پەيدا قىلىپ پۈتۈن مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نېمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى؟" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي يېزىلىرىدا جامائەت ۋە ئۇرۇغداشلىق بەلۋاقلىرى ئەزەلدىن تارتىپ چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شۇ ئاساستا داۋاملاشقان ئىدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەجرىبىگە باي كىشىلەرنىڭ باشقۇرىشىدا ئورۇنلىناتتى. يېرى يوقلار يېرى بارلاردىن يەر ئىجارىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلاتتى. كىشىلەر بۇنداق مۇناسىۋەت ئارقىلىق يەر ئىگىلىرى يەرسىزلەرنى، يەرسىزلەر يەر ئىگىلىرىنى بېقىپ، بىر - بىرىگە بېقىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.. نامۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى يېزا ئاقىللىرى كېڭىشىپ تەڭشەيتتى.
يېزىلاردىكى بۇنداق ئەنئەنىۋى تەرتىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن چوڭ توسالغۇ ئىدى. شۇڭلاشقا كوممۇنىست پارتىيە يېزىلاردا "سىنىپى كۆرەش" دېگەن نەزېرىيە بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت پەيدا قىلىشقا كىرىشتى. خەلق رىۋايەتلەردىكى "ئاق چاچلىق قىز" ئەسلىدە ئۇ بىر ئەرش بىلەن زېمىن ئارىسىدا يۈرىدىغان ئاق كۆشۈل پەرىنىڭ ئوبرازى ئىدى. ئۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىنىپى كۆرەشتە ئىزىلىپ چېچى ئاقارغان ھايات قىز دەپ ئۆزگەرتتى. بۇنداق ئۆزگەرتىلگەن رىۋايەتنى دېرامما، كىنو فىلىمى، بالىت تىياتىرى قىلىپ تەييارلاپ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق سىنىپى كۈرەشنى قوزغاتتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقاتلار جەريانىدا، قوراللىق كوممۇنىستلار يەر ئىگىلىرىنى، بايلارنى نەق مەيداندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىۋەردى. ئۇلارنىڭ يەر ۋە مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن كەينى - كەينىدىن كاپىراتسىيىلىش، كوممۇنالىشىش دېگەن ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، بۇ جەرياندا يەنە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ پەيدا قىلغان ئاداۋەت، زىددىيەت ۋە تۇقۇنۇشلاردىن پايدىلاندى. بۇ قېتىم ٪ 95 كىشى ياخشى ئادەم،٪ 5 كىشى دۈشمەن دېسە، يەنە بىر قېتىمدا يەنە ٪ 5 كىشىنى دۈشمەن دەپ يوقىتىپ، مۇشۇنداق تەكرارلاۋېرىپ بىرتالاي ئادەمنى يوقىتىپ بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا يەر - زېمىن ۋە بايلىقلارنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىپ ھەممىنى ئۆزىنىڭ ئومۇم مۈلكىگە ئايلاندۇرىۋالدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى لۈكچەك پرولېتارىياتلارغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىزم نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ماركىس "كومپارتىيە خىتاپنامىسى"دا لۈكچەك پۇرۇلېتارىياتنى رەت قىلىپ، ئۇنى "جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى پاسسېپ، چىرىك بىر تەبىقە، ئۇلار ئەڭ ئاسان سېتىلىپ كېتىدىغان، ئەكسىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى خاھلايدىغان تەبىقە. ئۇلار بىر مۇنچە جايلاردا پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابىغا قۇشۇلىۋالغان" دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدوڭ ئۇنى "جەمىيەتتە كىشىلەر يىركىنىدىغان لۈكچەك، ئۆكتەملەر دەل يېزا ئىنقىلابىدىكى ئەڭ باتۇر، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل، ئەڭ قەتئى تەبىقە" دەپ مەدىھىيىلەپ، شۇلارغا تايىنىپ سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ بۇ لۈكچەك، ئۆكتەملەر قۇشۇنىنى "پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاپچىلىرى" دەپ ئاتىۋالدى. پۈتۈن جەمىيەت ئۇلارنى ئېيىپلەپ چىققاندا، ماۋ زېدوڭ يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ "سۈيۈملۈك ئەپەندىلەر، سىلەر توغرى دېدىڭلار، بىز خىتايدا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن شۇ لۈكچەك، ئۆكتەملەر، بىز ئەمدى خەلق دېمۇكراتىيە دېكتاتۇرىسىنى يۈرگۈزىدىغان مۇستەبىتلەر" دېگەن ئىدى.
بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئەسكەر بېقىپ تەپرىقىچىلىق قىلىش
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ قوراللىق قۇشۇنىنى دەستلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنى دوراپ "قىزىل ئارمىيەئ دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلەرنى بېقىش، قورال-ياراق، ئوق - دورا توپلاپ تەبرىقىچىلىق قىلىش ئۈچۈن، نەدە بايلىق بولسا شۇ جايغا بېرىپ باندىتلىق، بۇلاڭچىلىق قىلاتتى. لى شىئەننەن ئەپەندىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى غەربى خۇبېيدا "پۇل توپلاش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ داڭ چىقارغان. ئۇ بايلارنى ئۆلتۈرمەي گۈرۆگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرىغا ئالتۇن -كۈمۈشلەرنى ئەكەلدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان ئەڭ قەبىھ ئۇسۇل قوللانغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىرمۇ كىم باي بولسا، ئۇ مۇستەبىتلىكنى خاھلىمايدىغان كىشى بولسلا، ئۇنىڭ مۈلكىنى خاھلىغان بىر بەدنام بىلەن بۇلاپ -تالاپ يوق قىلىۋاتىدۇ.
ئېتنىك قىرغىنچىلىق، توپ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەييارلىق
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەر ئىسلاھاتىدا يەر ئېگىلىرىنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش، 3 كە قارشى تۇرۇش، 5 كە قارشى تۇرۇش دېگەن ھەرىكەتلەردە كاپىتالىستلارنىڭ، سودىگەرلەرنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇشتا راست سۆزلەيدىغان زىيالىلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا پەن - ئىلىم ئەھلىلىئىرنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش، 89 - يىلىدىكى تىئەنئەنمېن ۋاقەسىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خىيانەتچىلىك-چىرىكلىكىكە قارشى تۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش قاتارلىق بىر قاتار چەكلىك قىرغىنچىلىق ئارقىلىق، ئۇ خەلقئارادىمۇ يەنە ئۆز دوستلىرىدىن قانداق يۈز ئۆرۈش، جاسۇسلۇقنى قانداق يولغا قۇيۇش قاتارلىقلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىر يۈرۈش كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق، توپ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەت جەھەتتىن تەييارلىق قىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 4 - ئىيۇن ۋاقەسىدىن كېيىن "مۇقىملىقنى ساقلاش"، "مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش" ، "تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش"، "ئەكسىيەتچى دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش" دېگەندەك بانا-سەۋەپلەر بىلەن يولغا قويغان قاتتىق زەربە بېرىش، بىخلىنىپ بولغىچە يۇقىتىۋېتىش دېگەن قانۇنسىز ھەرىكەتلەر دەل خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە توپ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىناقلاردۇر. ( داۋامى بار) (ۋەلى)