ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىدا - 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى.
"ئىنقىلاب" دېگەن نام ئاستىدا خەلقنى بىر - بىرگە ئۇرۇشقا سېلىش
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى نېمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى؟" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتىن ئاخىر يېزىلاردا يەر ئىگىلىرىنى بۇلاش، شەھەرلەردە بولسا پۇل -مۈلۈك ئىگىلىرىنى بۇلاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى يوقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنى "ئىنقىلاب قىلىش" دەپ ئاتىۋالدى.
بۇنداق "ئىنقىلاب" نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنى ماۋ زېدوڭنىڭ "ئىنقىلاب دېگەن مېھمان چاقىرىپ، چاي بېرىدىغان ياكى ماقالە يېزىپ، رەسىم سىزىدىغان ئۇنداق نازاكەتلىك ئىش ئەمەس. ئۇ بىر سىنىپ يەنە بىر سىپىنى ئاغدۇرۇپ يوقىتىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەت" دېگەن سۆزىنى يادقا ئالغۇزدى. بۇ سۆزلەرنى دەرھال ئىجرا قىلغۇزدى. شۇ ئارقىلىق خەلق ئىچىدە كىشىلەرنى ئوز - ئارا كۆرەشكە ئالغۇزۇپ، كىشىلەرنى بىر - بىرىگە زوراۋانلىق قىلغۇزدى. كوممۇنىست پارتىيە بۇ چارىنى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد سىڭدۈرۈپ ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
"شانلىق ئۈلگە" تىكلەش ئارقىلىق جەمىيەتنى كونترول قىلىش
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، بۇلاڭچى، قاراقچى، باندىت دېگەنلەر ئەزەلدىن تارتىپ جەمىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياكى تۇرالماسلىق مەسىلىسىگىلا دۇچ كېلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پۈتۈن خەلققە تېررورلۇق قىلىش، خەلقنى ۋەسۋەسىگە سېلىش ۋە جەمىيەتنى يۇقىرى بېسىم ئاستىدا كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ بۇنداق ھۆكۈمرانلىقىنى "شانلىق ئۈلگە" تىكلەپ پۈتۈن خەلقنى "تەربىيىلەش" دېگەن ئۇسۇل ئارقىلىق يولغا قويۇپ كەلمەكتە.
جۇ ئېنلەينىڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" جەريانىدىكى شانلىق ئۈلگىسى
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "يەر ئاستى" خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن ئەڭ بۇرۇنقى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى جۇ ئېنلەي ئەپەندى ئىدى. ئۇنىڭ يېقىن سەبداشلىرىدىن سۈن بىڭۋېن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزى سۈن ۋېيشى خانىم جۇ ئېنلەينىڭ "بېقىۋالغان قىزى" دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان ئىدى. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە بۇ خانىمنىڭ مەسىلىسى جۇ ئېنلەيگە تاقاشقاندا، جۇ ئېنلەي ئۆزىنىڭ "پاتىيىۋىلىكى كۈچلۈك" دېگەن ئۈلگىسىنى تىكلەش ئۈچۈن، بۇ "بېقىۋالغان قىزى" نى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئۆزى ئىمزا قويغان. بۇ خانىم قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بېشىغا مىخ قېقىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى "شانلىق ئۈلگە" رېن بېيشى ئەپەندىنى بىلەمسىز؟
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنئەنگە بىكىنىۋالغان مەزگىلدە، مەركىزى كومىتېتنىڭ مۇھاپىزەت قوشۇنىدىن ئەپيۇن پىششىقلاش جەريانىدا ئۆلگەن سولدات جاڭ سىدېنى "پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى" قىلىپ تىكلىگەن بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى رېن بېيشى ئەپەندىنى "پارتىيىلىكى ئەڭ كۈچلۈك" بولغان پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى دېگەن شانلىق ئۈلگە قىلىپ تىكلىدى. رېن بېيشى دېگەن ئەرباپ يەنئەندە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەپيۇن سودىسىنى باشقۇرىدىغان باش ئەمەلدارى ئىدى. 1949 - يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان ۋاڭ جېن ئەپەندى يەنئەندە "نەننىۋەندىكى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى" دېگەن نام بىلەن ئەپيۇن تېرىپ داڭ چىقارغان گېنېرال ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ جېن قۇشۇنىنىڭ سىياسى كومىسسارى بولغان، كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تا ئۆلۈپ كەتكىچە 40 يىل پارتكوم شۇجىسى بولۇپ تۇرغان ۋاڭ ئېنماۋ ئەپەندى بولسا، ئەينى زاماندا يەنئەندە پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ ئەپيۇن سودىسىنى باشقۇرىدىغان باش ئەمەلدارى رېن بېيشى ئەپەندىنىڭ كاتىپى ئىدى. بۇ ئىككى ۋاڭ گېنېرال شىنجاڭدا رېن بېيشى ئەپەندىنى شانلىق ئۈلگە قىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىدى. بۇ كوممۇنىستلار ئۆزى مۇشۇنداق قانۇنسىزلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار خەلققە تەھدىت سېلىپ، خەلقنى سۆزلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)