"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نىمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى؟" دېگەن قىسمىدا بىتئەتچىلىك، ئالدامچىلىق، قۇتراتقۇلۇق، كۈرەشكە ئېلىش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، ئۆكتەملىك، جاسۇسلۇق، قىرغىنچىلىق قىلىش، كونترول قىلىۋېلىش قاتارلىق 9 خىل كوممۇنىزم ئىللەتلىرى جەمىيەتكە قانداق يامراپ كەتكەنلىكى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتىن - ئاخىر بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ بايان قىلىپ كېلىۋاتقان "25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر" دېگەندەك بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى توغرىسىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن.
كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىش قارارىنى رەت قىلىپ، گومىنداڭغا ئەزا بولۇشقا بۇيرۇق قىلدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى نىمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى؟" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 1922 - يىلى 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ھوقۇق تارتىۋېلىشنى يولغا قۇيۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان ئىدى. سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ تەمىنلىگەن راسخۇتىغا تايىنىپ جان باقىدىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ قارارى كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا گومىنداڭ بىلەن ھەمكارلىق تۈزۈش ۋە گومىنداڭغا ئەزا بولۇپ كېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ھەممىسى گومىنداڭغا ئەزا بولۇپ كىردى. بۇ چاغدا ماۋ زېدوڭ گومىنداڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ مۇۋاققەت مىنىستىرى، جۇ ئېنلەي خۇئاڭپۇ ھەربى مەكتىبىنىڭ سىياسى بۆلۈم مۇدىرى بولغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1925 - يىلى 1 - ئايدا شاڭخەيدە 4 - قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ تەدرىجى ھالدا ھوقۇق تارتىۋېلىشنى قارار قىلدى. 1926 - يىلى 2 - ئايدا "شىمالغا يۈرۈش قىلىش" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەرىكەت رەسمى باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتتىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ جايلاردا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھوقۇق تارتىۋېلىشنى تەشكىللەشكە باشلىدى.
ماۋ زېدوڭ ئۇيۇشتۇرغان "خۇنەن دېھقانلار ھەرىكىتى" مەغلۇپ بولدى
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، 1927 - يىلى ماۋ زېدوڭ خۇنەندە تەشكىللىگەن "دېھقانلار قوزغىلىڭى" دېگەن ھەرىكەت، ئەمەلىيەتتە لۈكچەك ۋە ئۇششۇقلارنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بولغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتنى ماۋزېدوڭ ئۆزى بۇ ھەرىكەتنى تەسۋىرلەپ "دېھقانلار جەمىيىتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ چەكسىز ھوقۇقى بار. ئۇ يەر ئىگىلىرىنىڭ گەپ-سۆز قىلىشىنى چەكلىدى. ئۇلارغا ئۈچۈن ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ جىم تۇرۇشتىن ئۆزگە ئامال قالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى. نامراتلار بايۋەچچىلەرنى يىقىتىپ ئۈستىگە يەرنە بىرنى دەسسىدى. زومىگەرلەرنى، يەرلىك تۆرىلەرنى جەرىمانە قۇيۇپ ئەدەپلىدى. توپ-توپ ئادەم بايلارنىڭ قوراسىغا بۆسۈپ كىرىپ، بايلارنى چوشقىدەك چىيقىرىتىپ سۆرەپ چىقىۋەردى. ئۇلارنىڭ خانىم -ئاغىچىلىرىنىڭ پاكىزە كارۋاتلىرىغا لاي پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ چىئىقپ، ئۈستىدە تازا ئېغىنىۋالدى. بايلارنى خاھلىغان ۋاقىتتا سۆرەپ چىقىپ ئىگىز قالپاق كەيگۈزۈپ، بوينىغا تاختا ئېسىپ سازايى قىلدى. ئۇلارنى نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلدى. يېزىلاردا ھەممە مەھەللىدە بايلارغا قارىتا مۇشۇنداق تېررورلۇق داۋام قىلدى" دەپ يازغان ئىدى. ئەمما يېزىلاردا بۇنداق تېررورچىلار ئۇزۇنغىچە ھاكىملىق قىلالماي ، ئاخىر جىنگاڭسەن تاغلىرىغا قاچتى.
" 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر"مۇ ياكى مەغلۇپ بولۇپ قېچىشمۇ؟
"9 باھا"دا بايان قىلىنىشىچە، ماۋ زېدوڭ تەشكىللىگەن "خۇنەن دېھقانلار ھەرىكىتى" دېگەن ھەرىكەت مەغلۇپ بولدىلا ئەمەس، جۇ ئېنلەي "ۋۇخاۋ" دېگەن تەخەللۇس بىلەن شاڭخەيدە 1926 - يىلى 10 – ئايدىن 1927 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيۇشتۇرغان 3 قېتىملىق قوزغىلاڭمۇ مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭچىلار شىمالغا يۈرۈش قىلىش قۇماندانلىق شىتابىغا ھۇجۇم قىلغاندا پۈتۈنلەي قورالىسزلاندۇرۇلدى. جۇئىنلەي ئۆزىمۇ قولغا ئېلىنىپ، تۈۋەنامە يېزىپ بېرىپ تۈرمىدىن چىقتى. گۇئاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان قوزغىلاڭلارمۇ مەغلۇپ بولدى. 1927 - يىلى 8 - ئايدىكى "نەنچاڭ قوزغىلىڭى" دېگەن ھەربى ئۆزگۈرۈشمۇ مەغلۇپ بولدى. 9 - ئايدىكى ‘كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى" دېگەنمۇ مەغلۇپ بولدى. مەغلۇپ بولغانلار جىنگاڭسەن تاغلىق رايۇنلىرىغا بىكىندى. گومىنداڭ قۇشۇنلىرى "باندىتلارنى قۇرشاپ يۇقىتىش"نى يولغا قويدى. جىنگاڭسەنگە توپلانغان قاچاقلار بىر - بىرلەپ تار- مار قىلىنىپ، 1933 - يىلى 10 - ئايدا چىكىنىپ چىقىش - قېچىش باشلاندى. قاچاقلار تاشقى موڭغۇلىيەگە يېقىن جايغا بېرىپ، سوۋېت ئىتىپاقىنىش قۇتقۇزىشىغا ئىرىشىشنىلا ئۈمىت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن 80 مىڭ قاچاقنىڭ غەربى شىمال تەرەپكە قاراپ چوڭ قېچىش ھەرىكىتى باشلىدى. قاچاقلار 1934 -يىلى 1 - ئايدا يەنئەندىكى تاغلىق رايۇنلارغا يېتىپ كەلگەندە ئاران 6000 ئادېمى قالغان ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)