0:00 / 0:00
ئامېرىكىدا خىتايچە ھەم ئەنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا جىددى تەسىر قوزغىماقتا. بۇ "9 باھا" دا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىياسى ھەرىكەتلەر بايان قىلىنغان.
مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولۇشقا مۇناسىپ شەخس سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەمىلى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.