0:00 / 0:00
"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق توققۇز پارچە باشماقالىسىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شىنجاڭ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، يۈننەن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان سىياسى ھەرىكەتلەر ئىچكى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا پەۋقۇلئاددە ۋە تېخىمۇ دەھشەتلىك بولغان، بۇ رايونلاردا سىياسى ھەرىكەتلەر مەخپى ئېلىپ بېرىلغان ۋە خاتىرە قالدۇرۇش چەكلەنگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ناھايىتى قىيىن بولدى، دەپ بايان قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ تارىخنىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى بولغان، ئوز ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ھەم شۇ سەۋەپتىن خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان، ھازىر شىۋىتسىيىدە تۇرىۋاتقان ھاجى رېشىت كېرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
