خىتاينىڭ بانكا سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلار

خىتاي بانكا ئورگانلىرىدا باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن مالىيە دىلولىرى يۈز بېرىپ، بانكا مەبلىغىنىڭ كۆپ مىقداردا يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتايدىكى بانكىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئىچكى موڭغول ئاپتونوم رايونىنىڭ باۋتوۋ شەھىرىدىكى خىتاينىڭ يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدا 100 مىليون يۇئەنلىك قانۇنسىز پۇل يۆتكەش دىلوسى يۈز بەرگەن. بۇنى بانكا خادىملىرى بىلەن جەمئىيەت خادىملىرى ئورتاق تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي بانكىسىنىڭ دالىيەندىكى تارماق بانكىسىدا خەت بېسىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان سۈي چاڭپىڭ ئىسىملىك بىر خادىم بانكىدىن 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى يۆتكەپ كەتكەن. ھەمدە ئۇ قېچىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان.

بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى تۈزۈلمىنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تۈزۈلمىدىكى چىرىكلىكنى يوقاتمىغىچە بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ

بانكا تۈزۈلمىسىنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى

مۇشۇنداق دىلولارنىڭ كۆپ سادىر بولىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ بانكىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بانكا ئورۇنلىرىدا باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە مالىيە دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. كانادادىكى غەربىي ئاندرېي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى شۈ ديەنچىڭ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ:

"تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دېگەن ۋەقە يۈز بېرىپ بولغاندا قىلىدىغان ئىش. بۇ، ھەرگىزمۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇ ئەسلى مالىيە تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە. ھازىر كۆرۈلىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى تۈزۈلمىنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تۈزۈلمىدىكى چىرىكلىكنى يوقاتمىغىچە بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ".

بانكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك

شۈ ديەنچىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش، يېزا-ئىگىلىك ۋە سودا-سانائەت بانكىلىرىغا ئوخشاش دۆلەت ئىگىلىگىدىكى بانكىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولمىغاچقا، خەلقنىڭ ئامانەت پۇلى بىلەن دۆلەت بايلىقىنى ھېچكىم ئەستايىل نازارەت قىلمايدىغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ بانكىلاردا يۇقىرىقىدەك ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بانكا تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن بانكىلاردا تېخىمۇ ئېغىر جىنايەتلەر سادىر بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەمما بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان ئەدلىيە جەھەتتىكى باشقۇرۇشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئەلۋەتتە كىشىلەر دىققەت قىلىشقا ۋە سۇئال قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش.

ئىچكى موڭغولدىكى مەزكۇر دىلوغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا چېتىلغان 43 نەپەر بانكا خادىمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلغان. ئارىسىدا 3 خادىمنى ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن شۇنداقلا قالغانلىرىغا، مالىيە ئورگانلىرىدىكى باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى ئۆمۈرلۈك ئېلىپ تاشلاش، خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىنى 5 يىل توختىتىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ئىستىپا بەرگۈزۈش ۋە خىزمىتىدىن قوغلىۋېتىش قاتارلىق ھەر خىل جازالارنى قوللانغان.

بانكىلارنى ئەدلىيە جەھەتتىن باشقۇرۇش

ئامېرىكا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۈ پىڭ ئەپەندى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مالىيە دىلولىرىنىڭ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ چوقۇم بانكىلاردا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، بانكىلارنى ئەدلىيە جەھەتتىنمۇ چىڭ تۇتۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

"ئەمما بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان ئەدلىيە جەھەتتىكى باشقۇرۇشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئەلۋەتتە كىشىلەر دىققەت قىلىشقا ۋە سۇئال قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش".

مالىيە دىلولىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرىدا كۆپ يۈز بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ بانكىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا مەخسۇس 13 تۈرلۈك كۆرسەتمە چىقىرىپ،

بانكا سىستېمىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. ئەمما نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر يۇقىرىدا مۇتەخەسسىسلەر ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ پۈتۈن بانكا تۈزۈلمىسىدە تەلتۆكۈس ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بانكا تۈزۈلمىسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. (پەرىدە)