خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بەرمەكتە
2006.10.24
رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل -مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بەرمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى. سىدىق ھاجى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىنى رەت قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىزنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، بىر ئېغىز لىللا سۆز ئۈچۈن تۈرمىلەرگە كىرىپ يېتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۆكۈۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ دۇنيا جامائېتىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا بانكىسى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا پۇل قەرز بېرىۋاتقان خەلقئارا ئورگانلار ھېسابلىنىدۇ. سىدىق ھاجى روزى، "قايسى بىر چاغدا دۇنيا بانكىسى بىڭتۈئەنگە ياردەم بەرگەن، پۇل تۆلەيدىغان چاغدا ئۇيغۇر خەلقى تۆلىگەن ئىدى،" دەيدۇ.