بارىن قوزغىلىڭىنىڭ تارىخى ئورنى ھەققىدە قاراشلار


2007.04.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر، 1990‏- يىلى 4‏-ئاينىڭ 5‏- كۈنى يەنى بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭنى، 70‏- يىللارنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ قەشقەر رايونىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق ئىنقىلابىدىن كېيىنكى كۆلىمى ۋە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان قوراللىق ھەرىكەت دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر بارىن قوزغىلىڭىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئوينىغان رولى ۋە خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان قوراللىق ھەرىكىتىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

بارىن قوزغىلىڭى غەرب مۇتەخەسسىسلىرى نەزىرىدە

بارىن قوزغىلىڭى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان شۇنداقلا بۇ قوزغىلاڭ توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان پۈتۈن مۇتەخەسسىسلەر، بارىن قوزغىلىڭىنىڭ "ئۇزۇندىن بېرى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىن ئاساسەن چۈشۈپ قالغان "شەرقىي تۈركىستان" ئۇقۇمىنىڭ قايتىدىن ھەم غەرب ھەم خىتاي سىياسىي ئەدەبىياتىغا كىرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە ئىگە.

بارىن قوزغىلىڭى خىتايدا ۋە خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرى تۈپەيلىدىن، خىتاي ۋە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ يېقىنقى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا ۋە ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە مۇھىم ئورۇن ئالغان.

چارلى ھورە، 2004‏-يىلى خەلقئارا سوتىسيالىزم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "خىتاينىڭ يېڭى ئەسىرى" ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسدە، بارىن قوزغىلىڭىنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدا 1978‏- يىلى دېڭ شاۋپىڭ تەرىپىدىن باشلىتىلغان ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئازسانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھەق - ھوقۇقلارنىڭ قايتىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا قارشى نارازىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسەتمەكتە.

ماقالىسىدە، بارىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن چارلى ھورە، 1997‏-يىلى فېۋرال ئېيىدا غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە تېررورچى قالپىغى كەيدۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن چارلى ھۈرە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يۇقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي، سىياسىي، ئىقتسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بېسىمىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا.

بارىن قوزغىلىڭى مۇسۇلمان مەتبۇئاتلىرىدا

بارىن قوزغىلىڭى پەقەت غەرب مەتبۇئاتىنىڭلا ئەمەس، مۇسۇلمان دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باش كۈتۈرەلەيدىغان بىر مىللىي ۋە ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇتقان.

بارىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئەرەب مەتبۇئاتىدا چىققان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە دىنىي بېسىمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەنلىكى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت سېلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنىڭ، بارىن يېزىسىدىكى خەلقىنىڭ ختاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.