9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتايلارنىڭ بىر ئەنئەنىۋى بايرىمى بولدى. خىتايلار بۇرۇنقى دەۋردىكى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ بايرامنى، يېقىنقى يىللاردا "ئاينى تاماشا قىلىدىغان بايرام" ياكى "ئوتتۇرا كۆز بايرىمى" دەپ ئاتىماقتا. ئۇيغۇرلار بولسا خىتاينىڭ بۇ بايرىمىنى "تاۋۇز چاغىنى" دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
ئاي توقاچنىڭ باھاسى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى
"بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك قوزغىغىنى بايراملىق "ئاي توقاچ"نىڭ باھاسى ۋە خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ھېسياتى"، دەپ بايان قىلىنىدۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇستەقىل مۇلاھىزىچى لىئۇ شاۋبو ئەپەندى بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدا تۇرۇپ يازغان "شاۋكاڭ دەۋرىدىكى بايرام ھەشەمىتى ۋە يىغا-زار" دېگەن ئوبزورىدا، - "چاڭچۈن شەھرىدە بىر تال گولف توپنى قوشۇپ بولانغان سوغاتلىق ئاي توقاچنىڭ باھاسى 1800 يۇئەن، جېڭجۇدا بىر كىلوگرام ئاي توقاچ بىلەن 56 دانە مەرۋايىت بىللە بولانغان سوغاتلىقنىڭ باھاسى 6900 يۇئەن، تىئەنجىندە بېلىقنىڭ بۇرۇتى بىلەن قارلىغاچ ئۇۋىسىدىن ياسالغان 8 دانە ئاي توقاچ بىلەن 500 گراملىق زىبۇ - زىننەتنى قوشۇپ بولىغان سوغاتلىقنىڭ باھاسى 99999 يۇئەن. كۈنمىڭدا ئاي توقاچقا سىنئالغۇ، ئۈنئالغۇ، فوتو ئاپپارات ۋۇ لىئاڭيې ھاراق، چاقماق، چاي ۋە باشقا قۇۋۋەت دورىسى ۋە كۆلىمى 100 نەچچە كۋادىرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش تورالغۇنىڭ ئاچقۇسى قۇشۇپ بولانغان سوغاتلىقنىڭ باھاسى 310 مىڭ يۇئەن.
كوممۇنىستلاردا پاراغەت خەلقتە يىغا - زار
ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇرۇۋالغان جەننىتىنى شاۋكاڭ دەپ ئاتاۋاتقان، مىلياردلاپ پۇل سەرپ قىلىپ بوغازنى توسۇپ كۆل ياسىغان، بېيجىڭدە "مىڭ يىللىق گۈلخان" تىكلىگەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىياتىرخانا بىنا قىلغان، ئالەم كېمىسى ياساپ ئاسمانغا چىقارغان، 360 مىڭ يۇئەنلىك بىر جوزا يېمەك - ئىچمەكنى چوكا بىلەن قىسىپ يەپ - يالماپ، كۆزىدە يالىڭاچ سەتەڭلەرنى تاماشا قىلىۋاتقان، ئۇنىڭ بەدىلىگە خەلقنى غۇرۇبەتتە قالدۇرىۋاتقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى، بايۋەچچىلىرى بۇ بايرامدا پاراغەتتە ئوينىدى.
"كوممۇنىست بايۋەچچىلىرى مۇشۇ بايرامنىڭ پاراغىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا پۈتۈن مەمىلىكەتتە قانچە - قانچە پاجىئە ، يىغا - زارى داۋاملىشىپ تۇردى" - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ لىئۇ شاۋبو ئەپەندى،- "تاۋۇز چاغىنىنىڭ ھارپا كۈنلىرىدە جاڭسۇدا بىر دېھقان سۇجۇ شەھىرىدىكى بىر بالىلار باغچىسىغا بۆسۈپ كىرىپ قولىدىكى قىڭراق بىلەن 3 ياشتىن 6 - ياشقىچە بولغان 28 بالىنى ئۆلتۈرۈپ ، باغچىغا بېنزىن چېچىپ ئوت قويدى. سەندوڭنىڭ يىنشەن ناھىيىسىدە بىر شوپۇر بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ 20 نەچچە ئوقۇغۇچىنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈردى. سەنشىنىڭ لىڭچى ناھىيىسىدە كېمە چۆكۈپ كېتىپ 13 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلۈپ 35 ئادەم ئىز- دېرەكسىز يوقالدى. سىچۇئەندىكى شىجۇ تۇجازۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 41 ئادەمدىن ئاران 2 سى ساق قالدى. سىچۇئەننىڭ پېڭئەن ناھىيىسىدە جالىڭجاڭ دەرياسىدا پاراخوت ئۆرۈلۈپ 20 نەچچە ئادەم سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلدى. خۇنەن يىياڭ ناھىيىسىدە پوجاڭزا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى. سىچۇئەننىڭ چوڭچىڭ شەھرىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوۋۇزىنى كەلكۈن سۈيى ئېقىتىپ كېتىپ 41 نەچچە ئادەم ئىز دېرەكسىز يوقالدى.... مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنداق خىلمۇ -خىل پاجىئە - يىغا زارغا كوممۇنىست بايۋەچچىلىرىدىن بىرەر ھېسداشلىق ئاۋاز چىقمىدى.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا
كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى ئاللىقاچان نەزەردىن چۈشۈپ كەتكەن بۇ دەۋردە، - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ لىئۇ شاۋبو ئەپەندى "شاۋكاڭ دەۋرىدىكى بايرام ھەشەمىتى ۋە يىغا-زار" دېگەن ئوبزورىدا، - كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خەلقئارادا ھازىر پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ھەرخىل شەكىلدە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا. ئامېرىكىدا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ، ئامېرىكىنىڭ ئالەم كېمىسى ھادىسىگە ئۇچرىغاندا خوشاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتمىغان خىتاي مىللەتچىلىرى مانا مۇشۇ كۈنلەردە يەنە خەلقئارادا ئامرېكىغا، ياپونىيىگە، تەيۋەنگە قارشى، ئىچكى قىسىمدا بولسا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە قارشى قاتتىق مىللى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماقتا.
تاۋۇز چاغىنى ۋە مىللى ئۆچمەنلىك
سىرتى ئاۋات - باياشات، جەمىيەت تۇراقلىق كۆرۈنگەن بۇ دۆلەتتە،- دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ لىئۇ شاۋبو ئەپەندى "شاۋكاڭ دەۋرىدىكى بايرام ھەشەمىتى ۋە يىغا-زار" دېگەن ئوبزورىدا، - ئۆزلىرى پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرگەن مۇشۇ كوممۇنىست بايۋەچچلىرى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى چۇڭقۇر ئاپەتكە يۈزلەندۈرگەن كىشىلەر. مۇشۇ كىشىلەر خىتاي مەدەنىيىتىنى گۇمران قىلدى. بۇ جەمىيەتتە ھازىر پەقەت كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن قاراڭغۇ جەمىيەتچىلىك، قاراقچى - بۇلاڭچىلىق، قانخورلۇق، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەستچىلىكى ھەدەپ ئەۋج ئېلىپ جىنايەت سادىر قىلىش ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
خىتاي خەلقنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق ئەنئەنىسى 1949 - يىلىدىن كېيىنكى ياۋۇزلۇق - ياۋايىلىق ھۆكۈم سۈرگەن ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە پۈتۈنلەي گۇمران بولدى، - دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ لىئۇ شاۋبو ئەپەندى "شاۋكاڭ دەۋرىدىكى بايرام ھەشەمىتى ۋە يىغا-زار" دېگەن ئوبزورىدا، ------- تۇرمۇش جەھەتتە نامراتلىققا يۈزلەندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھوقۇقنىلا ئەلا بىلىدىغان دەۋر ۋە يەنە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پۇلنىلا ئەلا بىلىدىغان دەۋر ئارقىلىق خىتايدا ئادەم تەبىئىتى ئۆزگەردى. ھازىر كوممۇنىست بايۋەچچىلىرى دۆلەتنى ھەشەمەتخورلۇق بىلەن ئىپادىلىمەكتە. بولۇپمۇ مۇشۇنداق تاۋۇز چاغىنىدەك بايراملاردا، خىتاي كۇچلاندى دېگەننى باشقا دۆلەتلەرگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن ئىپادىلىمەكتە.(ۋەلى)