يېقىندا خوڭكوڭدا ئېنگىلىسچە نەشىر قىلىنىدىغان "جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى" دە م . ئونېيىل ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تۇنۇشتۇرىدىغان بىر ماقالىسى بېسىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخپىرى خەيتاۋ ئەپەندى بۇ ماقالىنى تۇنۇشتۇرۇپ يەنە بىر تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى. خەيتاۋ ئەپەندى بايان قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىتوغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بۇيىچە، مەسىلەن: بىڭتۇئەننىڭ قانۇنلۇق ئورنى، بىڭتۇئەننىڭ نۇپۇسى، بىڭتۇئەن بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇناسىبىتى، ئۇيغۇرلار ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقى، بىڭتۇئەننىڭ ھازىر خىتايدا بىردىن - بىر سوتسىئالىزم ئىكەنلىكى ۋە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش لازىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇيىچە، مەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تۇنۇش بولغان لىن باۋخۇئا ئەپەندى، مەھەممەت توختى، ھۈسەن ئەپەندى، قاتارلىق سىياسى مۇلاھىزىچىلەرنى زىيارەت قىلدىم.
بىڭتۇئەننى "پىلانلانغان سىياسى" دەپ ئاتىسا تېخىمۇ توغرا
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخپىرى خەيتاۋ ئەپەندى "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى" دېگەن تەشكىلاتنى خىتايدىكى پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارچە يېرى؛ بۇ ئورگان ئەگەر ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ئۇ ئەمدى دەۋرگە ماسلاشمىسا، دۇنيادا بىر يالغۇز ئارالغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ بايان قىلدى. مەن لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىمۇ بىڭتۇئەن ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم. لىن باۋخۇئا ئەپەندى ئالدى بىلەن "بىڭتۇئەن مەسىلىسى پىلانلىق ئىگىلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى مىنىڭ قارىشىمچە، ئۇنى پىلانلانغان سىياسى دەپ ئاتىسا تېخىمۇ توغرا بولىدۇ" دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايۇنىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇئەننى پىلانلانغان
لىن باۋخۇئا ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايۇنلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇئەننى قۇرغان دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ ئەيتىشىچە، بىڭتۇئەن دېگەن بىر سىياسى مەھسۇلات. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى شىنجاڭنى ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايۇنىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان. ھۆكۈمەت 60 - يىللاردىلا شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن كىشىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن دەپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە ئىبەرتكەن ئىدى. ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا يەلىك مىللەتلەرنىڭ سانى كۆپ، شۇڭلاشقا بۇ جايغا شەرق تەرەپتىن خىتايلارنى يۆتكەپ ئاپىرىش كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن شىنجاڭ كونتىرولدىن قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەمما شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ ئادىتى خىتايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. خىتاي شەھەرلىرىدىن ئۇجايغا بارغانلار ئۇ جايدا كۆنەلمەيتتى. خىتايلار ئۆز رايى بىلەن ئۇجايغا بېرىشى ناتايىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىڭتۇئەندە تېرىقچىلىق قىلىش جاپالىق ئىدى. شۇڭلاشقا ھۆكۈمەت خىتايلارنى ئۇجايغا مەجبۇرلاپ ئاپىرىپ يەرلەشتۈرگەن. ھۆكۈمەت ئۇلارنى سىياسى جەھەتتىن مەجبۇرلىغان.
بىڭتۇئەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا كۈچۈرۈپ بارغان كىشىلەر يۇرتىغا قايتىدۇ
لىن باۋخۇئا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى خىلوڭجاڭ، يۈننەنلەردە قۇرۇلغان بىڭتۇئەنلەرنى ئەمەلدىن ققالدۇرغاندەك، شىنجاڭدىمۇ بىڭتۇئەننى نىمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنىڭ سەۋىبى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت كاپىتالىزىمغا مېڭىپ بولدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىلا قېپقالدى، ئۇ نىمشقا ماڭمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋىبى شۇكى، ئەگەر بىڭتۇئەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، سوتسىلالىزىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدۇ، ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇ جايغا زورلاپ كۈچۈرۈپ بارغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا، ھۆكۆمەتنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنى كونتىرول قىلغىلى بولماي قالىدۇ. بىڭتۇئەننى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقنىڭ سەۋىبى دەل مۇشۇ.
خىتاي رەھبەرلىرى كۇنا تەپەككۇردىن ۋاز كەچمىگىچە بىڭتۇئەن مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ
لىن باۋخۇئا ئەپەندى خىتاي رەھبەرلىرى كۇنا تەپەككۇردىن ۋاز كەچسە، خىتاينىڭ كونا سۇلالىرىدەك ئەتراپتىكى باشقا مىللەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان كۇنا تەپەككۇردىن ۋاز كەچسە، ئاندىن بىڭتۇئەن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلە مەركىزى كومىتىتتا دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە، ئەگەر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەپەككۇرى ھازىرمۇ تېخىچە خەن سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىدەك ياكى خەن ۋۇدى، تاڭ تەيزوڭ دېگەن پادىشالاردەك بولۇپ ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنسا، بىڭتۇئەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىنراق بولىدۇ. ئەگەر خىتايدا كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيە ئېڭىنىڭ ئۈسىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك ھۇقۇققا ھۈرمەت قىلىنسا، قىممەت كۆز قارىشى ئۆزگەرسە، ئاندىن بىڭتۇئەن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
(داۋامى بار) (ۋەلى)