يېقىندا خوڭكوڭدا ئېنگىلىسچە نەشىر قىلىنىدىغان "جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى" دە م . ئونېيىل ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر ماقالىسى بېسىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى خەيتاۋ ئەپەندىمۇ خوڭكوڭدىن يەنە بىر خەۋەر يوللاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تۇنۇشتۇردى.
خەيتاۋ ئەپەندى بايان قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى توغرىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار بويىچە، مەسىلەن: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇتقان ئورنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ نوپۇسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلار ھازىر شىنجاڭدا ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى خىتايدىكى پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارچە يېرى بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ھەل قىلىش لازىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە، مەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تۇنۇش بولغان لىن باۋخۇئا ئەپەندى، مەھەممەت توختى، ھۈسەن ئەپەندى، قاتارلىق سىياسى مۇلاھىزىچىلەرنىمۇ بۇمەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم.
خەيتاۋ ئەپەندى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ھەققىدە بايان قىلغان مۇھىم نوقتىلاردا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ نوپۇسى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي كۈچى تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 450 مىڭ، ئۇنىڭ ھازىر 1800 كارخانىسى بار دېيىلگەن.
بۇ نوقتىدا ھۈسەن ئەپەندى ۋە مەھەممەت توختى ئەپەندىلەرنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرۇغا قويدى.