لىن باۋخۇا: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتىلا بىڭتۇەننى ياخشى نىيەت بىلەن قۇرمىغان

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان، ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى يېقىندا "بىڭتۇەندە كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توپۇلاڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش" دېگەن مەسىلە توغرىسىدا "شىنجاڭنى ساقلايدىغان تۇرالاردىن چىققان ئۇچقۇن" ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئۇ ئوبزورىدا ئالدى بىلەن "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتىلا بىڭتۇەننى ياخشى نىيەت بىلەن قۇرمىغان " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز خەلقىنى بۇ يەرگە ئالداپ ئەكەلگەن

- "شىنجاڭ" دېگەن ئىسىم چىقسا، "شىنجاڭ ياخشى جاي" دېگەن ناخشا مىنىڭ ئېسىمگە كېلىدۇ، - دەپ باشلايدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى "شىنجاڭنى ساقلايدىغان تۇرالاردىن چىققان ئۇچقۇن" ناملىق ئوبزورىدا. - خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 50 - يىللارنىڭ بېشىدا، "شىنجاڭ ياخشى جاي" دېگەن ناخشا ئارقىلىق بۇ ناھايىتى ياخشى جاي، بۇ جايدىكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چەكسىز كەتكەن گۈزەل يايلاق ۋە ئېكىنزارلىقلار بار، ئۇ جايدىكى يەرلىك خەلق ئىنتايىن مېھماندوست ۋە ئاق كۆڭۈل خەلق دەپ چۈشەندۈرەتتى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇشۇنداق گەپ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىن نۇرغۇنلىغان خىتاي ياشلىرىنى ئالداپ ئۆزىنىڭ ھەربىي لاگىرلىرىغا ئېلىپ كەلدى. ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىلى ئۆزگەردى. ھازىر بۇ جايدىكى خەلقنى "تېررورچىلار" دەپ ئاتايدىغان ۋە قولىدىن كەلگەن ھەممە قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ باستۇرىدىغان بولدى. ئۆزى ئالداپ ئەكەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىش ھېسياتىنىمۇ "توپىلاڭ" دەپ ھېسابلايدىغان بولدى.

لىن باۋخۇا ئەپەندى "شىنجاڭنى ساقلايدىغان تۇرالاردىن چىققان ئۇچقۇن" ناملىق ئوبزورىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كىرگەن ھامان، قەدىمدىكى خىتاي سۇلالىلىرى قوللىنىپ باققان "ئەسكەرلەر ئارقىلىق يەر ئىگىلەش" دېگەن كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ بىڭتۇەن قۇرغان ئىدى. بىڭتۇەننى باشتىلا ياخشى نىيەت بىلەن قۇرمىغان، بەلكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان. ئۇنىڭغا شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن "چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش" دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ياشلارنى ئالداپ ئەكەلدى. كېيىن، بۇ ياشلارمۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. خىتايدا "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" جەريانىدا يېزىغا بارغان زىيالىي ياشلار ھەممە جايدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بولدى. ئەمما بىڭتۇەنگە بارغانلار ئۆز يۇرتىغا قايتالمىدى. ئۇلار ھازىر بىڭتۇەنلەردە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ياشايدۇ. كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر ئۇلارنىڭ "كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭ" كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ كرىزىسنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ۋاڭ جېن بىلەن خۇ جىنتاۋ ئوخشاش

- شىنجاڭ 1950 - يىللاردا ۋاڭ جېنغا ئوخشاش كوممۇنىست قاتىللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇردى. "يىغلاۋاتقان بوۋاققا ۋاڭ جېن كەلدى دېسە جىم بولاتتى" دېگەن گەپ بىكارغا چىقمىغان. - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى "شىنجاڭنى ساقلايدىغان تۇرالاردىن چىققان ئۇچقۇن" دېگەن ئوبزورىدا ئەينى زاماندىكى ۋاڭ جېن بىلەن ھازىرقى خۇ جىنتاۋنى سېلىشتۇرۇپ ، -ئۇيغۇر خەلقى ۋە بىڭتۇەن ئىشچىلىرى ھەممىسى ھازىرقى خۇ جىنتاۋغا نىسبەتەنمۇ ھۇشيار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، خۇ جىنتاۋمۇ تىبەتتە خەلقنى قاتتىق باستۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىز باسارلىققا تاللانغان. جاڭ زېمىنمۇ تېررورچىلىققا قارشى تۇرىمىز دەپ ئامېرىكىنى ئالدىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قارشى تۇرغىنى ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقتى. ئۇلار ۋاڭ جېن بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش.

- شىنجاڭ مەسىلىسى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. -- دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى "شىنجاڭنى ساقلايدىغان تۇرالاردىن چىققان ئۇچقۇن" ناملىق ئوبزورىدا. لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىدا يەنە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ "بىڭتۇەندىكى زىيالىي ياشلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى ئازات قىلالايدۇ، دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ۋەلى)