خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش قا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نيۇيوركتا يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان ئان سەنئەت نومۇرلىرى ئىچىدىكى 'بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش' دېگەن سەنئەت نومۇرى جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە ھەرخىل قېيىن -قىستاقلارغا ئۇچرىغان فالۇنگوڭچىلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈستىدىن نيۇيورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي شەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئامېرىكىدا سەھنىلەردە قويۇش ئۈچۈن تەييارلاتقان سەنئەت نومۇرلىرى ئىچىدىكى 'تەڭ ئېيتىدىغان بىر ناخشا' ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.