ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەيۋەن بوغۇزى بىخەتەرلىكىنى ئورتاقلىشىپ ساقلىماقچى
2007.01.04
ياپونىيە كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزىدىغان يىغىندا تەيۋەن بوغۇزىدا تاساددىپىي ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئىككى دۆلەت ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سۆھبەت ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارىسا ۋە خىتاي تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھۇجۇم قوزغىسا، بۇ ئەھۋالدا ئېلىنىدىغان ھەربىي تەدبىرلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلغان.
تەيۋەن بوغۇزىدا مەسىلە چىقسا ياپونىيىنىڭ ئارىلىشىشى تەبئىي ئەھۋال
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ياپونىيىلىك ئەمەلدارلار، ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلىسا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئارقا سەپ، تىببىي ياردەم، قۇتقۇزۇش ۋە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنى رىمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشتا ئوينايدىغان رولى ياپونىيە "قوشنا رايونلاردىكى ۋەزىيەت قانۇنى" نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھازىرغا قەدەر تەيۋەن مەسىلىسى "قوشنا رايونلاردىكى ۋەزىيەت قانۇنى" نىڭ چەكلەش دائىرىسىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارە ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان.
كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنىشنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كېڭىيىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى، بولۇپمۇ ياپونىيە خىتاي ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى سانساكۇ ۋە ئوكىناۋا ئاراللىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، نۆۋەتتە تەيۋەن چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەتتىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى تۇيغۇنلىقىنى تەيۋەننىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بەلگىلىمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا مەسىلە چىقسا ياپونىيىنىڭ ئارىلىشىشى تەبئىي ئەھۋال،" دەيدۇ.
خىتا تەيۋەڭە ئالدىراپ ھۇجۇم قىلمايدۇ
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ سۆھبەت توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. لېكىن كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ باش مىنىستىر شىنزو ئابېينىڭ تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە تەيۋەن تەرەپدارى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېي پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياپونىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، كېلەر ھەپتە ياۋروپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلماقچى. شىنزۇ ئابېي، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ياپونىيە بىلەن ئوخشاش مەۋقەدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىمىز، دەيدۇ.
تەيۋەن 1949 - يىلدىن بېرى ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئارالنى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى شۇنداقلا زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي كۈچ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. نۆۋەتتە خىتاي تەيۋەن بوغۇزىغا 700 دانا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان شۇنداقلا چەتئەللىك ھەربىي كۈچلەرنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. لېكىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا تەيۋەنگە ئالدىراپ ھۇجۇم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ جىددى دىققىتىنى قوزغىدى
تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "جىددى دىققىتى" نى قوزغىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ ئەسلىدىلا جىددى بولغان خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەشكىنلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "جوڭگو بۇ خەۋەرگە ناھايىتى جىددى دىققەت قىلماقتا،" دېدى. " تەيۋەن جوڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى،" دەپ تەكىتلىگەن ليۇ جيەنچاۋ، "ھەر قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىر جوڭگو پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىنىش كېرەك،" دەيدۇ.
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1979 - يىلدىكى "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" غا ئاساسەن تەيۋەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خىتاي دۇنيادىكى ھەربىي كۆلىمى ئەڭ زور شۇنداقلا ھەربىي خام چوتىنى يىلمۇ - يىل تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيتىۋاتقان دۆلەت. خىتاي بۇ يىلقى ھەربىي خان چوتىنى 30 مىليارد دوللار ئەتراپىدا، دەپ ئېلان قىلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى ئەمەلدارلار ئەمەلىيەتتىكى ساننىڭ بۇنىڭدىن 2- 3 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. بۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ياپونىيىنىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تەيۋەن بوغۇزى بىخەتەرلىكىنى ياپونىيە- ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى دائىرىسىدىكى رايونغا كىرگۈزۈشنى ئويلاشقان. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشقا ئارلاشسا، بۇ خىتاينىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭىيىش خىيالىغا بېرىلگەن زەربە بولىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا - ياپونىيە ئورتاق پىلان تۈزۈپ تەيۋەننى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى
- خىتاي سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ 'ئون سەككىز گ' بەلگىلىك زور كۆلەملىك ھەربىي مەشىقى داۋاملاشماقتا
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىدا ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشتى
- كوندالىزا رايس شىمالىي كورىيىگە قوللىنىدىغان جازانى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن
- ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلدى
- پرېزىدېنت بۇش گۇ بوشيوڭنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى تەكىتلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلار غا ئىگە قىلىشنى تەشەببۈس قىلماقتا
- ستىۋېن: ئامېرىكا يەنىلا تەيۋەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى
- چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئالياسكا بىلەن چەكلەندى
- رودمان: خىتاي تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزدى
- سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئارمىتېچ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى