ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بىخەتەرلىك كېڭەش كومىتېتى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندىن كىيىن ئىككى تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى.
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە شەنبە كۈنى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئاسىيا- تىنچ ئوكياندىكى 12 تۈرلۈك ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى جاكارلىدى.
ئۇنىڭدا، " تەيۋەن مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خىتاينى ھەربىي ئىشلاردا تېخىمۇ ئوچۇق- يورۇق بولۇشقا دەۋەت قىلىش" ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىرلەشمە باياناتىدا، تەيۋەن بوغېزىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى بۇنىڭغا جىددى ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا: "ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىرلەشمە ھۆججەت چىقىرىشىغا قارشى تۇرىدۇ" دېدى.
ياپونىيە تۈنجى قېتىم تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوچۇق مەيدانىنى ئىپادىلىدى
ئامېرىكا تولەيدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى رەن بوگۇڭ ئەپەندى، ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلەشمە باياناتىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سىياسىتىدە تۈپكى ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ بىرلەشمە باياناتتىكى بىر يېڭىلىق، ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئېلىپ قاچماستىن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ بايانات، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەنگە بولغان تۈپكى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش، ئىلگىرى ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتەك سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. يەنى تەيۋەن مەئىسلىسىدە خىتاينىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدىغان ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ياپونىيە تۈنجى قېتىم تەيۋەن مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلىدى، يەنە كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى".
ياپونىيە قاتتىق سىياسىتىنىڭ سەۋەبلىرى
پروفېسسور رەن بوگۇڭ، ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرو كويزومى تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايغا بارغانسىرى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:
"بۇنىڭدا ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر بار. ئىچكى سەۋەبنى ئېلىپ ئېيتقاندا، كويزومىنىڭ ئۆزى كونسىرىۋاتىپ سىياسىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدۇ. نورماللاشتۇرۇش دېگەندە، ئاساسىي قانۇننىڭ 9 - ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ، ياپونىيىنىمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش رەسمىي ئارمىيىگە ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيىدە ھازىر كونسىرىۋاتىپلارنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك. دۆلەت مۇداپىئەسىنى نورماللاشتۇرغاندا ، ياپونىيىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ خەلقئارادىمۇ بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ قايتىدىن رەسمىي ئارمىيە قۇرۇپ، يىراق شەرق رايۇنلىرىدا تېخىمۇ ئاكتىپ بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەمما رەن بوگۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا- ياپونىيىنىڭ بىرلەشمە باياناتى يېقىنقى بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن ئىكەن.
بىرلەشمە بايانات، ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىدە زىل ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن
بىر قىسىم ئانالىزچىلار، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تەيۋەن بوغېزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشى، ياپونىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە زىل بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەنگىلىيىدىكى خەلقئارا ئىشلار ئوبزورچىسى چيۇ شياڭجۇڭ، ئامېرىكا- ياپونىيىنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشى بىلەن، ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئىھتىماللىقىنىڭ زورايغانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرىشىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
- ئامېرىكا- ياپونىيە بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە بايانات، ياپونىيىنىڭ بۇندىن كىيىن تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. مېنىڭچە، بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تېخىمۇ كۈپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ۋە ياپونىيىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىلىشىشى مۇمكىن.
چيۇ شياڭجۇڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا يەنىلا خىتاي ۋە تەيۋەننىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىكەن.
تەيۋەن 1949 - يىلىدىن بېرى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ئۇنىڭغاقوراللىق ھوجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، ئەگەر تەيۋەن خىتاينىڭ قوراللىق ھوجۇمىغا ئۇچرىغان شارائىتتا، تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)