ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزمەكچى بولىۋاتقان "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مىراس فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش كومىتسىيىسىنىڭ مەسئۇلى كارولىن بارسولومېۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 3 - ئايدا بېكىتمەكچى بولىۋاتقان بۇ قانۇنى ئارقىلىق، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەگەر بىز دۇنياغا دېموكراتىيىنى تارقىتىش توغرىسىدا سۆز ئاچىدىكەنمىز، ئۇ چاغدا بىزنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسى بولغان بىر جايىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەيۋەن. شۇنداقلا بىز ھەرگىزمۇ بۇ يەردە دېموكراتىيىنىڭ بەرباد قىلىنىشىنى ياكى تارتىۋېلىنىشىنى كۆرگىمىز يوق.
بۇنىڭدا، "تەيۋەن ئاخىرى خىتاينىڭ بىر قىسمى بولىدۇ" دېگەن تەبىر يوشۇرۇنغان
"بۇ قانۇن لايىھىسىدە، 'تەيۋەننىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتى يەنىلا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولىدۇ' دېگەن تەبىر يوشۇرۇنغان. چۈنكى بىر شەيئى بېشىدىلا ئۆزىدىن چوڭراق بىر شەيئىنىڭ بىر قىسمى بولمىغۇچە، ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقالمايدۇ".
خىتاي، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان تەيۋەن ئارىلىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر ئۆلكىسى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ھەتتا ئۇ تەيۋەنگە خېلىدىن بېرى، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىككى قىرغاقنى بىرلەشتۈرۈشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى تەھدىت قىلىپ كەلگەن ئىدى. كارولىن خانىم سۆزىدە، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەننىڭ سالاھىيىتىگە باشقىچە قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
روشەنكى بۇ قانۇن ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىدۇ
"ئامېرىكا، تەيۋەننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىنى بەلگىلىمەيدۇ. بىز ھازىرغىچە تەيۋەننىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتىنى مۇستەقىل بولىدۇ ياكى بىرلىككە كېلىدۇ دەپ باقمىدۇق. ئامېرىكا پەقەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ، تەيۋەن خەلقىنىڭ رازىلىقى بولغان ئاساستا تىنچ ھەل بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولىۋاتقان ‘بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنىئ روشەنكى ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىگە جىددىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ".
مىراس فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېننىس خالپىنمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە شەخسىي بىر پارچە خەت يوللاش ئارقىلىقلا، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى تۈزمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى بەرمىگەن. خالپىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش يېقىندا دۇنيادىكى ھەر قايسى دىموكراتىك ھەرىكەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
دېننىس: بىز تەيۋەندە دېموكراتىيىنىڭ بەربات بولۇشىنى كۆرگىمىز يوق
دېننىس خالپىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىز دۇنياغا دېموكراتىيىنى تارقىتىش توغرىسىدا سۆز ئاچىدىكەنمىز، ئۇ چاغدا بىزنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسى بولغان بىر جايىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەيۋەن. شۇنداقلا بىز ھەرگىزمۇ بۇ يەردە دېموكراتىيىنىڭ بەرباد قىلىنىشىنى ياكى تارتىۋېلىنىشىنى كۆرگىمىز يوق".
مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى يىغىندا سۆز قىلغان، تەيۋەننىڭ سابىق باش كاتىۋى ليۇ شيۇفاڭ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان مەزكۇر قانۇننىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
" مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى تۇرغۇزماقچى بولىشى بىر ياخشى چارە ئەمەس. شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلارنى توختاتقىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار چوقۇم بۇ قانۇننى ماقۇللايدۇ".
80٪ تەيۋەن خەلقى بۇ قانۇنغا قارشى چىقىدۇ
ليۇ شياۋفېڭ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12 -ئايدا بۇ قانۇننى تۇرغۇزماقچى بولىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تەيۋەندىكى 80٪ خەلقنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقىنى ھەمدە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارشى پىكىرلىرىنى داۋاملىق ئىزھار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە تەيۋەندە بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل كۆز قاراشلار مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئالدىنقى كۈنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان تەيۋەن ئىتتىپاق ئويۇشمىسى، خىتاي چىقارماقچى بولىۋاتقان مەزكۈر "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەندە "يۈتۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى تۈزۈپ چىقىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار خىتاي تەييارلاۋاتقان بۇ قانۇننىڭ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۈز قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)