
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - مارت كۈنى باشلىنىدىغان 14 - نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرى، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى ماقۇللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭدىكى ھوقۇقدار زاتلار، مەزكۇر قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئاساسى قانۇن خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىقىرىلىش ئالدىدىكى قانۇندا دۆلەتنى پارچىلاش يولىدىكى ھەرىكەتلەرگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى بېكىتىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللۇشىغا سۇنىلىدۇ. قانۇن لاھىيىسىگە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جياۋگو چۈشەنچە بېرىدىكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان بېيجىڭپەرەس "ۋېن خۇي گېزىتى "، مەزكۇر قانۇننى تەيۋەن سىياسىتىنىڭ نىزاملاشتۇرۇلۇشى، دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر قانۇننىڭ چىقىرىلغان مەزگىلى تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىزى مۇناسۋىتىنىڭ ئىنتايىن نازۇك دەۋرىگە توغرا كەلمەكتە.
قانۇننىڭ مەقسىدى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پاسسىپ ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش
ئامېرىكا ۋېسكانسون ئۇنىۋېرسىتىتى سىياسى پەنلەر پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ۋاڭ جيەنۋېي، مەزكۇر قانۇن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ۋاڭ جيەنۋېي مۇنداق دەيدۇ: " ئۆتكەنكى بىر قانچە يىلدىن بېرى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەن سىياسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. بۇ قانۇن ئارقىلىق پاسسىپ ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشنى ئويلىغان بولۇشى مۈمكىن. بىراق، ئەڭ مۇھىم چېن شۈيبيەننىڭ ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ."
تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ نەزىرىدە قانۇنى مەسىلىگە ئايلاندى
تەيۋەن ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىش تىرتىشچانلىقىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە قانۇنى ئاساس ھازىرلاش ئۈچۈن ئۇرۇنۇش ، دەپ تەنقىتلىمەكتە. ۋاڭ جيەنۋېي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر قانۇنى مەسىلە دەپ تونۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، " خىتاي چوڭ قۇرۇلۇقى تەيۋەن مەسىلىسىنى نوقۇل سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى بۇ بىر قانۇنى مەسىلە دەپ تونۇشقا باشلىغان.
ئۇ، " تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ 'تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى' بار. ئامېرىكا مۇشۇ قانۇنى بويىچە تەيۋەنگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. تەيۋەندە ئۆتكەن يىلى 'ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇش قانۇنى' ماقۇللاندى. تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىسا، مۇشۇ قانۇن بويىچە تەيۋەننىڭ ھازىرقى سىياسى ئورنىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن"، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر قانۇن تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە پايدىسىز
"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقىرىش تەكلىپى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن يىلى لوندوننى زىيارەت قىلغاندا، ئەنگىلىيىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋېن جياباۋ، خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ تەكلىپىگە جىددى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋاڭ جيەنۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە "دۆلەتنى پارچىلاش قانۇنى" دىكى سۆز - ئىبارىلەر كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدەك قاتتىق بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئۇ، مەزكۇر قانۇننىڭ چىقىرىلىشى ياخشى چارە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىگە مېنىڭ گۇمانىم بار. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا بۇ قانۇن چوقۇم چىقىرىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا قانۇندىكى سۆز- ئىبارىلەر بەك قاتتىق بولماسلىقى مۈمكىن."
ئۇ يەنە مەزكۇر قانۇن تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى يۇمشۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولماسلىقى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
قانۇن " شىنجاڭ" بىلەن شىزاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ۋاڭ جيەن ۋېي "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ قانۇننىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭلار ئۈچۈن مەلۇم تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مېنىڭچە بۇ قانۇن نوقۇل تەيۋەنگىلا قارىتىلغان ئەمەس. گەرچە ئاسالىقى تەيۋەنگە قارىتىلغان بولسىمۇ بولسىمۇ، لېكىن قانۇن رامكىسى ئىچىگە شىنجاڭ ۋە شىزاڭلاردىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر كىرىشى مۇمكىن.
مەزكۇر قانۇن لاھىيىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللۇشىغا سۇنۇلغان. خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن جەمئى 10 ماددىدىن تەركىپ تېپىشى مۈمكىن. قانۇن لاھىيىسى خۇ جىڭتاۋ قول قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (ئەركىن)