0:00 / 0:00
خىتاينىڭ بېيجىڭدە ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ماقۇللانغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادادىكى مەتبۇئاتلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە كانادادىكى ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتى.