خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى

يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان " دۆلەتنى پارچىلاشقاقارشى قانۇن لايىھىسى " تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇنى " ئۇرۇشقا يول قويۇپ بېرىش قانۇنى" دەپ كۆرسەتكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن تاڭسەن سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا، تەيۋەن خەلقىنىڭ مەزكۇر قانۇنغا بولغان قارشىلىق بىلدۈرۈش مەيدانىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى، ئۇنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىز دۇنيا خەلقىغە كوممۇنىست خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك ، دۇنيا خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئەپتى-بەشىرىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قانۇن پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ۋە ھەيۋە قىلىش خاراكتېرىدىكى قانۇن

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى "بۇ قانۇن لايىھىسى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇن، بۇ تەيۋەن خەلقىغە قارىتىلغان ئۇرۇش قانۇنى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "بۇ پارچىلاشقا قارشى قانۇن لاھىيىسى" نىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ھەرىكىتىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە.

چەتئەلدىكى خىتاي دىموكراتلىرى مەزكۇر قانۇن ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزە ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىتلىمەكتە . ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوبزورچىسى لىن باۋ خۋا يېقىندا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنى پۈتۈنلەي بىر خىل ئالدامچىلىق ۋە ھەيۋە قىلىش خاراكتېرىدىكى قانۇن" دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ قانۇن تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر چوڭ ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

نيو-يوركتا نەشر قىلىنىدىغان بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى ، خىتاي دىموكراتىيىچىسى شۆ ۋېي ئەپەندى بولسا " خىتايدا ھەقىقى قانۇن دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان قانۇنى تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرمەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن قانۇننىڭ بار ۋە يوقلىقىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قانۇننى چىقىرىشى پەقەت مەملىكەت ئىچىدىكى خەلققە ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە قانچىلىك كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىشى ئۈچۈن. چۈنكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خەلققە يالغان گەپ قىلىپ، خەلقنى قۇترىتىپ كەلگەن، تەيۋەن بولسا ئۆز ئالدىغا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدىغان بىر دۆلەت، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پارچىلاشقا قارشى قانۇنى تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر چوڭ ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭخۇئا مىڭگو ھېچقاچان خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇپ باقمىغان

شۆ ۋىي ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي ۋە تەيۋەننىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، " جۇڭخۇئا مىڭگو يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورۇلغان ۋاقتى 1911 - يىلى بولۇپ، ئۇ 1949 - يىلى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن يىلغا ئىگە بولۇپ كەلگەن . جۇڭخۇئا مىڭگو مەيلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن ھېچقاچان خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇپ باقمىغان. تەيۋەن خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ،ت ئەيۋەننى گۈللەندۈرۈپ، ھەقىقى بىر دېموكراتىك دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇنداق قانۇن چىقىرىپ، تەيۋەننى كونترول قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى پۈتۈنلەي بىرخىل مۇتىھەملىك " دەپ كۆرسەتتى.

تەيۋەن ھەرگىزمۇ خىتايغا تەسلىم بولمايدۇ

شۆ ۋېي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە: " تەيۋەن خەلقى ھازىر خىتاينىڭ بۇخىل قىلمىشىغا ئىنتايىن نارازى بولماقتا. ھەتتا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولماقتا. شۇڭا مەن كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايدىغان قانۇن، ئەكسىچە تەيۋەن خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىدىغان قانۇن دەپ قارايمەن ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنلا قوراللىق قىسىملىرى ئارقىلىق تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىمىز دەيدىكەن، خەلقئارادا چوقۇم زور قارشلىققا ئۇچىرايدۇ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەيۋەن بىلەن بىخەتەرلىك مۇناسىۋەت قانۇنى تۈزگەن دۆلەتلەر ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. تەيۋەن ئۆزىمۇ ھەرگىز تەسلىم بولمايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن چىقاردۇق دەپ مىڭ ھەيۋە قىلىپ ۋاقىرىغىنى بىلەنمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ ئۆزىنى - ئۆزى ئالداپ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى كىشىلىك ھوقۇقنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلغانلىق

نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چىن ئەپەندى " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقىرىپ، بۇنداق مۇتىھەملىك قىلىشى كىشىلىك ھوقۇقنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلغانلىق" دەپ كۆرسىتىپ، ئۆز ئۆي-پىكىرلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

" كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر رايون ياكى مىللەتنىڭ ئۆز مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بولىدۇ، تەيۋەن خەلقىمۇ ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەيۋەن تارىختا 100 يىلدىن بۇيان خىتاي قۇرۇقلۇقى بىلەن ھېچقاچان بىرلىشىپ باقمىغان، مەيلى ئىقتىساد جەھەتتە بولسۇن، ياكى تۇرمۇش جەھەتتە بولسۇن، تەيۋەن ۋە خىتاي قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا چوڭ پەرقلەر بار. شۇڭا تەيۋەن خەلقنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئۆزى تاللاش ھوقۇقى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" ئارقىلىق ھەرگىزمۇ تەيۋەن خەلقىنى قورقتالمايدۇ، ئۇلار قورقاتقانسېرى تەيۋەن خەلقى تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىنتىلىدۇ"

تەيۋەن خەلقى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ زۇلىمى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇ جىن ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا گەرچە بىرخىل قانداشلىق باغلىنىش بولسىمۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمى تۈپەيلىدىن، تەيۋەن خەلقى ھەرگىزمۇ بىرلىشىشنى خالىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خوڭكوڭنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

"خوڭكوڭ خىتايغا قايتقاندىن بۇيان، ئۇ ھەر جەھەتتىن ناھايىتى زور توقۇنۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا " بىر دۆلەتتە، ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىنى" قوللاندۇق دېگىنى بىلەن، خوڭكوڭ خەلقىگە ئىدىيە ۋە پىكىر بايان قىلىش جەھەتتە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قەدەممۇ- قەدەم دەپسەندە قىلماقتا، تەيۋەن خەلقى بۇخىل ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ بۇخىل زوراۋانلىق تۈزۈمگە بويسۇنغىسى كەلسۇن!"

بۇ قانۇن تىبېت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ باشقا خىل شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇچىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ قانۇننى پەقەت تەيۋەن ئۈچۈنلا دەپ چىقارغىنى بىلەن، كەلگۈسىدە ئەگەر مەملىكەت ئىچىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا بىرەر ھەرىكەت يۈز بېرىدىكەن، چوقۇم مەزكۇر قانۇننى باشقا خىل شەكىلدە ئىجرا قىلىپ، ئۇ رايوندىكى خەلقنى باستۇرىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)