بۇشنىڭ ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىقى داۋامىدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرى يىغىن چاقىرىپ، بۇشنىڭ ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىقى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە، خىتاي ۋە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى.

بۇ يىغىن 11 - ئاينىڭ 3 -كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ستراتىگىيە ۋە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى گلېيزىر خانىم، خىتاي، تەيۋەن مەسىلىلىرىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە ئانچە يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز ھازىر ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەمدە ھازىرغىچە تېخى ئىراقتىن چىققىنىمىز يوق. بىز يەنە دۇنيا بويىچە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىدىن ۋە ئىران بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. مېنىڭچە كېيىنكى 4 يىلدا مانا مۇشۇ مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلىلىرى بولىدۇ."

ئەمما گلېيزېر خانىم سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان، ئامېرىكا ستراتىگىيە ۋە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى دېرىكتورى كېرت كەمپېل (Kurt Champbell) ئەپەندىمۇ گلېيزىر خانىمنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاق مەسىلىسىگە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپرەك ئارىلىشىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" مەن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى قاراردا، ئىككىلا قىرغاققا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش توغرىسىدا ئوچۇق سېگنال بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە بۇ ھەتتا بۇرۇن ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق سېگنال بولىشى مۇمكىن."

كەمپېل ئەپەندى يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەننى، ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن " يېڭى قەدەم " بېسىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق دېرىكتورى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رىچارد بۇش بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا قارىتا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاستا بولغانلىقىنى، بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن خۇشال بولسا، جەنۇبىي كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇشنىڭ سايلىنىشىغا نارازى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" مېنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە كۆپ خىل چارىلەرنى قوللاندى. ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر، ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيىگە ئارتۇقچە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى دەپ قارايدۇ. ھەمدە ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخىمۇ ئوچۇق ۋە رىئالىستك يوللار بىلەن شىمالىي كورىيىگە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ."

رىچارد بۇش ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا ئەڭ خۇشال بولغان دۆلەتنىڭ شىمالىي كورىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" مېنىڭچە ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئالدىراپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەمدە ئۇلار ناۋادا ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قورال كۈچى بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى قارار قىلغان تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاۋال خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ."

رىچارد بۇش ئەپەندى سۆزىدە، بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكىنىڭ ھازىر جەنۇبىي كورىيىدىكى ئەسكەرلىرىنى داۋاملىق قايتۇرىۋېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شىمالىي كورىيە بولسا ھازىر ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەستىن، ئۆزىنىڭ يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى قورقماستىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.(پەرىدە)