شىمالى ئوسسەتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
2004.09.02
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە؛ 17 نەپەر بەدىنىگە بومبىلارنى تاڭغان ئەر-ئايالدىن تەركىپ تاپقان بۇ گۇرۇپپا تەخمىنەن 400 ئەتراپىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ۋە خادىملارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، 2-سېنتەبىر كۈنى 26 نەپەر گۆرۈگە ئېلىنغان ئايال ۋە بالىلارنى قويۇۋەتكەن. شىمالى ئوسسەتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرىزدېنتى رۇسلان ئاۋۇشەۋ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ كىشىلەرنى تاپشۇرۇۋالغان. رۇسىيە تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ھازىرچە 16 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گۆرۈگە ئېلىنغانلار، ساقچىلار ۋە پۇقرالارمۇ بار ئىكەن.
جامائەت ۋەكىللىرى گۆرۈگە ئالغۇچىلار بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشىپ، تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلاشقان بولسىمۇ لېكىن، ئالاقە ئۈزۈلۈپ كەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا چېچەنلەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىش بەدىلىگە ئوزۇق-تۈلۈك، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىڭۇشىتىيە ۋە چېچىنىيىگە كېتىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان.
رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن ئىتار-تاسس نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەر چېچەن گېنېرال لىرىدىن بىرى شامىل باسايەۋنىڭ ئەترىتى بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرھال چېچەنىستاندىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ھەمدە ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان پىدايىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك مەكتەپ بىناسىغا مىنا ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن.
2-سېنتەبىر كۈنى موسكۋادىكى رىجسكىي نامىدىكى مەترو ئىستانسىسى يېنىدىمۇ پارتىلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلگەن ۋە 50 ئادەم يارىدار بولغان.
رۇسىيىدە يۈز بەرگەن بۇر بىر قاتار ۋەقەلەرگە جىددى قارىغان رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ تۈركىيە سەپىرىنى كېچىكتۈرگەن شۇنىڭدەك موسكۋا شەھرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن.
بەسلان شەھىرىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ چېچەن قوراللىق گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى خەلقارا جەمىيەت ۋە خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددى ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا پرىزدېنتى گېئورگە بۇش ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە ياردەملىشىپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بدت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، بېسلان شەھىرىدىكى بۇ مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنى ئەيىپلىگەن ھەمدە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز تۈردە قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بدت خەۋپسىزلىك كېڭىشى “بىگۇناھ، تېچ ئاھالىغا قارىتىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، بۇنى ئاقلاشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق” دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق، چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، كۆپ يىللاردىن بۇيان موسكۋا بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چېچەنلەر داھىيسى ئارسلان مەشھەدوپ، بەسلان شەھرىدىكى بۇ مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ چېچەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، موسكۋا يەنىلا ئۇنى مەزكۇر ۋەقەگە باغلىماقتا.
بېسلان مەكتىپىنىڭ گۆرۈ ئېلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيىدىكى تېررورىزىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۈزەتكۈچىلەر، موسكۋانىڭ سۇلھى يولىنى ئىزدىمىگەنلىكىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئۇلغايتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ئەنگىلىيە گېزىتلىرىدىن بىرى "كۈندىلىك تېلېگراف" تا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تېرورىزىمغا تۇتقان سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، "موسكۋانىڭ 1996-يىلى، چېچەن توقۇنۇشى ئاخىرلاشقاندىلا چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى قولدىن كەتكۈزىۋەتكەنلىكى" كۆرسىتىلگەن.
ئەنگىلىيىنىڭ "ۋاقىت" گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، موسكۋانىڭ خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئىككى قېتىملىق چېچەن ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن رۇسىيىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پۈتۈن رۇسىيىنىڭ ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى شەرھلىگەن.
"ئىقتىسادشۇناس" گېزىتى بولسا، چېچەنلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ "ئال-قائىدە " بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئىسپات كېرەكلىكىنى ئەمما، پۇتىننىڭ چېچىنىيىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئىسپاتلىمىسىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، موسكۋادىكى بۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ چېچەن مەسىلىسىنى تېخىچە سىياسىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تاپمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىتالىيە گېزىتلىرىدىن بىرى "لا ستامپا"دىمۇ " چېچەن قاپقىنىدىكى پۇتىن" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا پۇتىننىڭ ھازىرغىچە قوزغىلاڭ قىلىۋاتقان بۇ جۇمھۇرىيەت بىلەن سۇلھى يولىنى ئىزدىمەي، رۇسىيىنى قورقۇنچلۇق بەدەللەرنى تۆلەشكە دۇچار قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خۇلاسە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى؛ رۇسىيىدە يۈز بېرىۋاتقان تېررورىزىم قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئاپەت چۈنكى ئۇ، تارىخىي جەھەتتىن شەكىللەڭەن، ئىككى ئەسىر ۋاقىت چار رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىنى بېسىپ يېتىشى چېچەن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىشىنى يوقۇتالمىغان ھەتتا ستالىننىڭ قاتتىق قوللۇقىمۇ ئۇلارنىڭ رۇسىيىگە قارشى كەيپىياتىنى تۈگىتەلمىگەن. ئەسلىدە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە چېچەن لەر مۇستەقىللىققا تەييار ئىدى. بىراق، موسكۋا گرۇزىيە، ئازەربەيجانلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن چېچەنلەرگە رۇخسەت قىلمىغان.
ماقالىدە يەنە موسكۋانىڭ ئەگەر چېچەنلەرگە يول قويۇلسا، باشقا بۆلۈنۈش تەرەپدارلىرىنىڭمۇ ئوخشاش خىلدىكى تەلىپى كۈچىيىدۇ، نەتىجىدە تېخىمۇ چوڭ كرىزىسقا يولۇقۇش مۇمكىن" دېگەندەك ئەندىشىسىنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلقارا تېررورىزىمنىڭ بىر قىسىمى دەپ جاكارلىنىۋاتقان چېچەنلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېچىنىيىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، 1995-يىلى، بۇدېنوۋسك شەھىرىدىكى دوختۇرخانىنىڭ، 1996-يىلى، داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە قىزلار شەھىرىدىكى دوختۇرخانىنىڭ شۇنىڭدەك 2002-يىلى، موسكۋا شەھىرىدىكى نورد-ئوست تىياتېرخانىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەلىرىدىمۇ چېچەن پىدايىلىرى يەنى رۇسلارنىڭ ئاتىشى بويىچە تېررورچىلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرھال ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)