شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتىمۇ؟

0:00 / 0:00
shamil-basayev-150.jpg
چېچەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى شامىل باسايەۋنىڭ 1999 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى رەسىمى. AFP

10-ئىيۇل كۈنى چېچەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان " چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتى" نىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى " كاۋكازىيە بۆرىسى" دېگەن لەقەم بىلەن داڭ چىقارغان شامىل باسايېۋ رۇسىيىنىڭ ئىنگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۆلتۈرۈلدى. رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن "بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورچى" دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ بېشى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار بېرىش ئېلان قىلىنغان شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىردىنلا رۇسىيە ۋە خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەنلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتىمۇ دېگەن سوئال رۇسىيە-چېچىنىيە مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى.

شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇر

چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى شامىل باسايېۋنىڭ 10-ئىيۇل كۈنى رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلانغان ھۇجۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە يەنىلا ھەر خىل كۆز قاراشلار بار. رۇسىيىنىڭ "نېۋسرۇ" ئىنتېرنەت سەھىپىسىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باسايېۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن چېچەنلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، شامىل باسايېۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئۆلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپ تارقاتقان ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلغان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا يەنە باسايېۋنىڭ بومبا قاچىلانغان "كاماز" ماركىلىق يۈك ماشىنىنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقاندا تەسادىپىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈك ماشىنىسىدىكى بومبىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى، قانداقتۇر بۇ رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ پەيدا بولغان.

شامىل باسايېۋ ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شامىل باسايېۋنىڭ قول تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان پەيتىدە تېلېفون سىگنالى ئارقىلىق ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنىنى بىلىۋېلىپ، باشقۇرۇلىدىغان راكېتا ئارقىلىق ئۇنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېيتىلغان. 1996-يىلى، چېچەنلەرنىڭ پرېزىدېنتى جەۋھەر دۇدايېۋمۇ ئەنە شۇنداق ئۇسۇلدا رۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھەمدە "بۇ بېسلان بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچىلارنىڭ جىنايەتلىرىگە تېگىشلىك بولغان ئاقىۋەت" دەپ تەكىتلىگەن.

شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشتىمۇ؟

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە كۆپلىگەن تەپسىلى مەلۇماتلارنى تارقاتقان بولۇپ، باسايېۋنىڭ ئۆلۈمىنى " رۇسىيىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ زور غەلىبىسى" دەپ تەرىپلىگەن. شىنخۇئانىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋاپەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئالۇ ئالخانوپ " باسايېۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ چېچەن تېررورچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە بىر چېكىت قويدى" دېگەن. موسكۋا پەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 29 ياشلىق باش مىنىستىرى يەنى سابىق پرېزىدېنت ئەخمەد قادىروپنىڭ ئوغلى رامىزان قادىروپ بولسا، ئۆزىنىڭ باسايېۋنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە 99% ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، ئۆزىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ھېسابلايدىغان چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى ماۋلادى ئۇدۇگوپ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رۇسىيىگە بولغان قارشىلىقلىرىنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" رەھبەرلەر كېلىدۇ ۋە كېتىدۇ، قوماندانلار ئالمىشىپ تۇرىدۇ، كىم ھارسا، كېتىدۇ، ئەگەر كىمنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولسا ھېچ قاچان تەسلىم بولمايدۇ" دېگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدە رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سايدۇللايېۋنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، رۇسىيىنىڭ نەزىرىدىكى نۆۋەتتىكى يوقىتىش نىشانى دوكۇ ئۆمەروپ بايانات ئېلان قىلىپ، چېچەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى شىمالىي كاۋكازىيىدىن رۇسىيىنىڭ باشقا دائىرىلىرىگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

غەرب مەتبۇئاتلىرى: مەسىلىلەر يەنىلا ئېشىپ قالدى

شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن غەرب جۈملىدىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى چېچەن مەسىلىسىگە كۆپ ئورۇن بەردى. كۆپىنچە ماقالىلاردا شامىل باسايېۋنىڭ ئىلگىرى كېيىن بېسلان مەكتىپى قاتارلىق ھەر خىل ئورۇنلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان "تېررورچى " ئىكەنلىكى كۆرسىتىلسىمۇ، بىراق بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مەسىلىلەرنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى شەرھىيلەشتى. ئامېرىكىدىكى "دەۋر" ھەپتىلىك مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە باسايېۋنىڭ ئۆلۈمىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىننىڭ زور غەلىبىسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما چېچىنىيىدىكى مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

"باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى پۇتىننىڭ مەسىلىلىرىنىڭ بىراقلا تۈگىگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، باسايېۋ ئۇ چېچىنىيىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى، ئىنگۇشىتىيىدە ئۆلتۈرۈلدى. قوزغىلاڭلار چېچىنىيىدىن پەقەت قوشنا ئىنگۇشىتىيىگىلا تارقالغان بولماستىن بەلكى، پۈتۈن يەتتە شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىگە كېڭەيدى".

مەزكۇر ماقالىدە ھازىر يەنە مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغان: "شىمالىي كاۋكازىيىدە ئاممىۋى تۈردىكى ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى ساتقىنلىقلار، موسكۋانىڭ قاتتىق تاكتىكىلىرى رادىكال ياشلارنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى پارتىزانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشقا ھەيدىمەكتە".

تۈركىيىدىكى ھاجى تېپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ شامىل باسايېۋنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ئانالىزلارنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى، تۈركىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېچەنلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، گەرچە چېچەنلەرنىڭ جەۋھەر دۇدايېۋ، ئارىسلان مەشھەدوپ ۋە شامىل باسايېۋ قاتارلىق ئاتاقلىق رەھبەرلىرى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما چېچەن مەسىلىنىڭ ئەسلى بىر تارىخىي مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ قارشىلىقلىرى ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ، بەلكى يەنە يېڭى رەھبەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋادا تۇرۇپ چېچەن مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان مۇخبىر جىم خاينىس " شامىل باسايېۋ چېچەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مېڭىسى ۋە يۈزى بولۇپ قالغان ئىدى، بۇ قومانداننىڭ ئۆلۈمى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(ئۈمىدۋار)