ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جەنۇبى كورىيىنىڭ پايتەختى سىئول شەھرىنىڭ نامى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايچە "خەنچىڭ" دەپ ئاتىلاتتى، - دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ لىن فېڭ ئەپەندى، - يېقىندا جەنۇبى كورىيە دائىرىلىرى "پايتەختىمىز سىئول شەھرىنىڭ خىتايچە نامى بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم كورىيىچە تەلەپپۇز بويىچە ئاتىلىشى لازىم" دەپ جاكارلىدى. خىتاينىڭ تۆت ئەتراپىدا يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەزگۈر يەر نامىلىرى بار .
جەنۇبى كورىيىدە خىتايچە يەر ناملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، شىمالى كورىيىدىچۇ؟
لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبى كورىيىلىكلەر خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاينى "ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى" دەپ مىللەتچىلىكنى قوزغىتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پايتەختى بولغان سىئول شەھرىنىڭ نامىنى خىتايچە ئۆزگىچە مەنىسى بار خەت بىلەن ئاتاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئەمدى شىمالى كورىيىدىمۇ بۇرۇن خىتايچىلاشتۇرۇلغان يەر ناملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇ؟ چۈنكى، شىمالى كورىيىنىڭ پايتەختى "پىنيوڭ" شەھرىنىڭ نامىمۇ، خىتايچە "تىنچلاندۇرۇلغان جاي" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خەت بىلەن "پىڭراڭ" دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر شىمالى كورىيە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق يەر ناملىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ئەسلى كورىيىچە تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلىدىغان قىلمىسا، خىتاي ئۇنى "ئەزەلدىن خىتاي زىمىنى" دەپ قوپۇشى ۋە داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ تەۋەسىگە كىرگۈزۈپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جەنۇبى كورىيە نارازى بولمامدۇ؟ خىتاي تەرەپتىمۇ يالۇجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيىلىدىغان جايىدا بۇرۇن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە "شەرقنى تىنچلاندۇئۇرش" دەپ نام بېرىلگەن "ئەندوڭ شەھرى" بار ئىدى. 50 - يىللاردا كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى مۇشۇ شەھەردە يالۇجاڭدىن ئۆتۈپ كورىيە ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، 56 - يىلىدىن باشلاپ ئۇنى "قىزىللاشتۇرۇلغان شەرق" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خەت بىلەن "دەندوڭ شەھرى" دەپ ئۆرگەرتتى. خىتايدا خوشنا ئەللەرگە ھاقارەت بولىدىغان مۇشۇنداق يەر ناملىرى خېلى بار، بۇنى خىتاي ئۆزى قانداق ئۆزگەرتىشى كېرەك؟
ۋېيتنامدىمۇ خىتايچە يەر ناملىرى بار
لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبتىكى "جاۋجژ" دېگەن بىر قوۋۇق خەن سۇلالىسى دەۋرىدە "جەنۇبنى تىنچلاندۇرۇش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خەت بىلەن "ئەننەن" دەپ ئاتالغان. بۇ جاي 1885 - يىلىدىكى ۋېيتنام - فرانسىيە ئۇرۇشى دەۋرىدە "جەنۇب بىلەن خوشنىدارچىلىق قىلىش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خىتايچە خەت بىلەن "لۇنەن" قوۋۇقى دەپ ئاتالدى.
خىتاي 1953 - يىلى ۋېيتنام كوممۇنىستلىرىغا ياردەم بەرگەن مەزگىللەردە "يۇيىگۇەن" يەنى دوستلۇق قوۋۇقى دەپ ئاتاشقا باشلىدى. ئەمما خىتاينىڭ 1979 - يىلىدىكى ۋېيتنامغا قارشى "جازالاش" دەپ ئاتالغان تىجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى بۇ دوستلۇق دەرۋازىسى توسۇپ قالالمىدى. خىتاي ھازىرمۇ پۈتۈن ۋېيتنامنىڭ نامىنى "جەنۇبنى تىنچلاندۇرۇش" دېگەن خەت بىلەن "ئەننەن" دەپ ئاتاشنى پات - پات تەكرارلاپ قويىدۇ.
بېيجىڭنىڭ نامىمۇ ئەسلىدە "شىمالنى تىنچلاندۇرۇش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى
لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى پايتەختى بولغان بېيجىڭ شەھرىنىڭ نامى چىن سىخۇاڭ دەۋرىدىلا "شىمالنى تىنچلاندۇرۇش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خەت بىلەن "بېيپىڭ" دەپ ئاتىلاتتى. موڭغۇللار خىتايدا خانلىق تىكلىگەن دەۋردە "تەيدۇ" يەنى چوڭ پايتەخت دەپ ئاتالدى. مىڭ سۇلالىسى ئۇنى پايتەخت قىلىپ "بېيجىڭ" دەپ ئۆزگەرتتى. مانجۇرلار قۇرغان چىڭ سۇلاسىلىسى دەۋرىدىن جۇڭخۇئا مىڭگو نەنجىڭنى پايتەخت قىلغۇچە بولغان مەزگىلدە بۇ شەھەرنىڭ نامى يەنە قايتىدىن "بېيپىڭ" يەنى "شىمالنى تىنچلاندۇرىدىغان جاي"دەپ ئاتالدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى "بېيجىڭ" دەپ ئۆزگەرتتى.
خىتاي مىللىتىنىڭ مەنبەسى دەپ ھېساپلىنىدىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى "شىئەن" شەھرىنىڭ نامىمۇ "غەربنى تىنچلاندۇرۇش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتايلار ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلارنى ، مەسىلەن، تېبەتنى "چاڭ"، "تۈبۈت" دەپ ئاتايتتى. ھازىرقى شىنجاڭنى بولسا "غەربتىكى ئەللەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خەت بىلەن "شىيۈ"دەپ ئاتايتتى. خىتايلار شىئەندىن غەربكە كېڭەيگەندە، ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي دائىرىسىدە "غەربنى تىنچلاندۇرۇش"،"غەربنى مۇقىم قىلىش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان "ئەنشى"، "دىڭشى" ، "شىنىڭ" دېگەن يەر ناملىرى پەيدا بولغان. ھەتتا ھازىرقى كۇچار ناھىيىسى دائىرىسىدىمۇ "ئەنشى" دېگەن نام پەيدا بولغان.
خىتاي ئۆزىنىڭ مىللەتچىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بۇنداق يەر ناملىرىنى ھازىرمۇ پات -پات ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بۇنداق يەر ناملىرى شۇ جاينىڭ ئېگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقلەرگە ھاقارەت بولغاچقا، ئۇلار بۇنىڭغا قارشى ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يەرناملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقسا، خىتاي ھازىر ئۇلارنى "بۆلگۈنچى" دەيدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقىنى نىمە دېيىشى كېرەك؟
"جوڭگو" دېگەننىڭ چېگراسى زادى نەدە؟
لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۆزى شەرقنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن "ئەندوڭ"، جەنۇبنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن "ئەننەن" ، شىمالنى تىنچللاندۇرۇش ئۈچۈن "بېيپىڭ" ، غەربنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن "شىئەن"دەپ قويغان خىتايچە يەر ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، "جوڭگو" دېگەننىڭ چېگرىسى پەقەت مۇشۇ دائىرىنىڭ ئىچىدە بولغان. ئەگەر خىتاي ھازىرقىدەك "جوڭگو" دېگەننىڭ چېگرىسى ئۇنىڭ سىرتىدا ئىدى، دېسە، خىتاي ئۆزى سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلغاندا قويغان يەر ناملىرىنى، مەسىلەن: يېڭى چېگرا دېگەن مەنىدىكى "شىنجاڭ" دېگەن نامنى ئەمدى نېمە دەپ ئۆزگەرتىدۇ؟ ئۇنى "قەدىمكى چېگرا" دەپ ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ (ۋەلى)
(لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ "جوڭگو دېگەننىڭ چېگرىسى زادى نەدە؟ دېگەن بۇ ماقالىسى "تەيۋەن گېزىتى" دە بېسىلغان).