خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2004 - يىلىدىن 2005 -يىلىغا قەدەر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان دېھقانلار مەسىلىسى، كىرىم پەرقى مەسىلىسى ۋە نامراتلىق، ئىشسىزلىق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چىرىكلىك مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
چىرىكلىك دىلولىرى داۋاملىق سادىر بولماقتا
مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا "ھۆكۈمەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنتىزام، ئەدىلىيە، تەپتىش ۋە نازارەت ئورگانلىرى ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچلەردىن باشقا يەنە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى تېخىمۇ تولۇقلاپ مۇكەممەل قىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، داۋاملىق ناھايىتى داغدۇغىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ نىيىتى چىرىكلىكنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى بۆلگۈنچىلەرنى يوقۇتۇشتۇر
مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ، نۇرغۇن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، چىرىكلىك دىلولىرى يەنىلا ئارقا- ئارقىدىن سادىر بولماقتا ئىكەن. ھازىر، خىتايدا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دېموكراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈملەرنى تولۇقلاپ، كادىرلارنى ئىشقا تەيىنلەش ۋە ئىشتىن ئېلىۋىتىشتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆز مال - مۈلۈكلىرىنى مەلۇم قىلىش ۋە ئۇنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، خىزمەتتىن ئايرىلغانلارنىڭ مال - مۈلكىنى تەكشۈرۈش دىگەندەك تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
چىرىكلىك ۋە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى
لېكىن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمى پۈتۈنلەي ئاياقلاشماي تۇرۇپ، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ يوقاتقىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم مۇنداق دىدى:
"خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەقىقەتەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نىيىتىدە بولماقتا. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىق تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەرقانداق بىر دۆلەتتە چىرىكلىك مەسىلىسىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن دېموكراتىك ۋە ئەركىن دۆلەتلەردە، چىرىكلىك مەسىلىسى ھېچقاچان ئالدىنى ئالالمىغىدەك بۇ خىل دەرىجىدە بولۇپ باقمىغان. خىتايدەك بۇنداق دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتتە، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر بولىشى، ئۇنىڭ زوراۋان بىر پارتىيىلىك تۈزۈمى تۈپەيلىدىن، ھەمدە ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ يوق بولىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان."
ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا، ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2004 - يىلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2462 نەپەر كادىرغا كومپارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدە 131 ئى ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپ، 5 ئى يەرلىك نازارەت دەرىجىلىك كادىرلار ئىكەن. ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى مەقسەتلىك بىر خىل ھەرىكەت دەپ قاراپ مۇنداق دىدى :
"شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بىر قەدەر ئالاھىدە دەپ قارىساق بولىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، داۋاملىق ناھايىتى داغدۇغىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ نىيىتى چىرىكلىكنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى بۆلگۈنچىلەرنى يوقۇتۇشتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ چىرىكلىك تىزىملىكىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئەمەلىيەتتە مىللىي غورۇرى كۈچلۈك بولغان ياخشى كادىرلار بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق كومپارتىيىنىڭ پرىنسىپىغا باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇپ كەلگەن. شۇڭا كوممۇنىست خىتاي ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان بۇنداق كادىرلارنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدۇ ".(مېھرىبان)