ئاپەتتىن كېيىنكى چوڭقۇرچاق

0:00 / 0:00

ئىككى ئىلگىرى فېۋرال ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزاۋات ۋە مارالبېشى ناھىيىلىرىدە 6. 8 بال يەر تەۋرەپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاپەتكە ئۇچرىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 268، يارىلانغانلار 4000 دىن ئارتۇق بولۇپ، 8800 ئۆي ئۆرۈلگەن ئىدى.

ئاپەت يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.