ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، خۇ جىڭتاۋ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، شىمالىي كورىيە ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەت خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، كولىن پوۋېل سۆھبەتتىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دېئالوگى بۇ يىل 3- ئايدا ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلەيدىغان قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختىتىپ قويغان ئىدى.
خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە كېلىشكەن ئىدى. سۆھبەت خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى ۋە ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەمدە جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سېستىمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
كولىن پوۋېل سۆزىدە، گەرچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا 2002- يىلى بىر ئاز ئىلگىرلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2003- يىلىغا كەلگەندە، ژورنالىست ۋە ئىشچىلار رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭدىن، خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان مۇخبىر جاۋ يەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
پوۋېل: بېيجىڭنى تەيۋەن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىز نەتىجىلىك بولمىدى
كولىن پوۋېلنىڭ زىيارىتىنى كۈزىتىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتقان يەنە بىر ئىش، كولىن پوۋېلنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان، " بىزنىڭ بېيجىڭنى تەيۋەن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىز نەتىجىلىك بولمىدى" دېگەن سۆزى بولدى. كولىن پوۋېل خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئىككى قىرغاق سۆھبىتى مەسىلىسىدە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇشقا ۋە ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈندىگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىكى تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى رەن بوگوڭ بۇ ھەقتە، خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى كىچىكلىكىنى، بولۇپمۇ ھوقۇقتىكى خۇجىڭتاۋ ۋە ۋېن جىياباۋ قاتارلىق يېڭى رەھبەرلەرنىڭ تەيۋەن پرېزدېنتى چېن شۈيبىيەندىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" چوڭ قۇرۇقلۇق ھازىر چېن شۇيبىيەندىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا پەقەتلا ئىشەنمەيدۇ. شۇنداقلا خۇجىڭتاۋ بىلەن ۋېن جىياباۋ ھازىر تەيۋەن مەسىلىسىگە يېڭى تاكتىكا قوللاندى. بۇرۇن ئىككى قىرغاقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكىتلەنگەن بولسا، ھازىرقى يېڭى رەھبەرلەر بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇشنى دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان مۇھىم سىياسىتى قىلىپ بېكىتتى."
تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئەپسۇسلاندى
تەيۋەننىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى كولىن پوۋېلنىڭ تەيۋەنگە ئائىت قىلغان سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى قىرغاق سۆھبىتىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتماي، ئامېرىكىنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" بىز ھەقىقەتەن ئۆمىدسىزلەندۇق ھەم ئەپسۇسلاندۇق. ئەمما بىزمۇ بۇنى توغرا چۈشىنىمىز. چۈنكى چوڭ قۇرۇقلۇق بەلكىم ھازىرغىچە تەيۋەن مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ باھالاۋاتقاندۇ. ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنت سايلىمى ۋە تەيۋەن پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، چوڭ قۇرۇقلۇق ئىچكى قىسمىدا يەنە داۋاملىق باھالاش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن."
پروفېسسور رەن بوگوڭ پوۋېلنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا ئانچە چوڭ رول ئويناپ كەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي تاشقى سىياسىتىدە گەرچە بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشىگە كۈچلۈك قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ قېتىملىق ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان جەنۇبىي كورىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. (پەرىدە)