خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى داۋالىنىش ھەققى ۋە سۇغۇرتىسى


2004.11.24

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر ئۆرلىگەن بولسىمۇ، داۋالىنىش ھەققىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، نۇرغۇنلىغان بىمارلار دوختۇرغا كۆرۈنۈشكىمۇ ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلمىگەنلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش نىسبىتى 97 - يىلىدىكى 17 پىرسەنتتىن ھازىرقى 13 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. كېسىلى بار تۇرۇپ ۋاقتىدا داۋالىنالمايدىغان پۇقرالار 50٪ نى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ سەنشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇزۇن يىل مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ما شاۋمىڭ خىتايدىكى داۋالاش ھەققىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "ھازىر خىتايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقانلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 80٪ نى ئىگىلەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ما شاۋمىڭ ئەپەندى سۆزىدە: "ھازىر خىتايدا پۇقرالار بولۇپمۇ يىللىق كىرىمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان دەھقانلار ئادەتتە كېسەل بولۇپ قالسا ھەرگىزمۇ دوختۇرغا بارمايدۇ. ھەتتا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئېشىنالمايدۇ. بىچارە دەھقانلار قەرز ئېلىپ بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان تەغدىردىمۇ، داۋالاش ھەققى ھەددىدىن تاشقىرى قىممەت بولغاچقا، داۋاملىق داۋالىنىش ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ساقايماي تۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدىغانلار كۆپ سانلىق

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا، مەيلى يېزىلاردا بولسۇن، ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، ٪ 40 كە يېقىن ئادەم كېسەل تۇرۇقلۇق دوختۇرغا كۆرىنەلمەيدىكەن. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغانلىقتىن كېسىلى ساقايماي تۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىمىز دەپ تەلەپ قىلىدىغانلار ٪ 64 نى ئىگىلەيدىكەن.

ئالدىن پۇل تاپشۇرماي تۇرۇپ كۆرۈنۈش مۇمكىن ئەمەس

يېقىندا خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىمۇ، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى داۋالىنىش ھەققىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە بېسىم بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ، ئەھۋال ئىگىلىگەندە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا ياتاق مەسئۇلى، ھازىر ئۈرۈمچىدە مەزكۇر دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىلار بىمارلاردىن ياتاقتا يېتىش ئۈچۈن ئالدىن ئالا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان 3000 يۈئەن پۇلنى تولۇق تاپشۇرىۋالماي تۇرۇپ، بىمارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مەسۇلىيەتسىزلىكى

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا داۋالىنىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن باشقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولغان.

مەسىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق داۋالىنىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل ئاران نەچچە ئون يۈئەن پۇل بولۇپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش دېگەنلىك پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپكە ئايلانغان. شۇڭا ھازىر ئوقۇغۇچىلار كېسەل بولۇپ قالغاندا داۋاملىق ئۆزى پۇل چىقىرىپ داۋالىنىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن، ئىلاجىسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خانىم مەزكۇر رايوندىكى خەلقنىڭ ھېچقاچان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇپ باقمىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بەردى:

(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.