گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز نۆۋەتلىرى بويىچە سىياسىي سەھنىدىن چۈشىدىغانلىقى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ، ئۆتكەن ھەپتىلەردە يۈز بەرگەن قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى گەرچە ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىدىكى ئىنقىلابلار بىلەن خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن شەكىل جەھەتتىكى مەلۇم پەرقلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماي، چاقماق تېزلىكىدە غەلىبىگە ئېرىشىشى جۈملىدىن نامايىشچى ئاممىنىڭ پرەسىدەنت بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، دىكتاتۇرۇلۇق خاراكتېرىنى ئالغان ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىش بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىشىنىڭ باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغانلىقى ئوتتۇرىغا سويۇلماقتا.
فرانسىيىدە چىقىدىغان "لې فىگارو" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان لائۇرا مېندېلۋىلنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرى بەلگىلىك ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتور قىرغىزىستان بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا يەنە تېخى دىكتاتۇرۇلۇق تۈزۈم ئاخىرلاشمىدى دەپ قارىلىۋاتقان كاۋكازىيىدىكى ئازەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە، شۇنداقلا رۇسىيە ھەم بېلوروسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ كېلەركى قېتىمقى نۆۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن.
مىنسكىدىن تارتىپ، يېرېۋان، تاشكەنت ۋە ھەتتا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان باكۇغىچە بولغان شەھەرلەرنى پايتەخت قىلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۈگۈنكى كۈندە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش مەنبەسىگە ئىگە نامزاتلاردۇر . چەكتىن ئاشقان پارىخورلۇق شۇنىڭدەك بۇرۇنقى كوم پارتىيە رەھبىرى قاتلىمىدىن ۋە رازۋېتكا ئورگانلىرىدىن كېلىپ چىققان ھۆكۈمرانلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرىۋېلىشى قاتارلىقلار خەلقلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى بۇنداق زىددىيەتلەرگە چوڭقۇر ئاساس ياراتقان " دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ فرانسۇز ئانالىزچىسى لائۇرا مېندېلۋىل.
ئازەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، كاۋكازىيىدىكى ئىككى كىچىك مەملىكەت ئازەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيىدە ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى ھەر خىل شەكىلدە مەۋجۇتتۇر.
ئازەربەيجاندا 2003-يىلىدىكى سايلام جەريانىدا قارشىلىقلار مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قاتتىق باستۇرىۋېتىلگەن.ھازىرىغىچە ئۆكتىچىلەر بىرلىشىپ ئىش قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، تېخى مۇمكىنچىلىككە ئېرىشەلمىگەن. ھەيدەر ئالىيېۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى جۈملىدىن ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ ئوغلىنى ئاساس قىلغان جەمەتى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىلھام ئالىيېۋ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ كاسپىي نېفىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ جايدا يەنىلا ئۆكتىچىلىك ئېقىمى داۋاملاشماقتا.
ئەرمىنىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ئاجىزراق بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە قاراباغ مەسىلىسى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئۇلغايتىۋېتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ جايدا موسكۋا تەرەپتە تۇرۇش بىلەن غەربكە يۈزلىنىش ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قوشنىسى گرۇزىيەمۇ ئۇنىڭغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى
فرانسۇز ئانالىزچىسى لائۇرا مېندېۋىل يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ خاراكتېرلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننىڭ 1991-يىلىدىن باشلانغان تەرەققىياتى قىرغىزىستان بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشراق بولۇپ، 1991-يىلى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ زامانىۋى پىكىردىكى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاستا-ئاستا ھاكىممۇتلەقلىققە قاراپ يۈزلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. ئۇ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنى ئۆز تۇققانلىرىغا بەرگەندىن سىرت يەنە قىزىنى بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبىرى قىلىپ تەيىنلىدى .بۇنىڭغا قارشى چىققان ئۆكتىچىلەرنى بولسا قاتتىق جازالىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم قىرىغىزىستاندىكى ئىنقىلابنى دىققەت بىلەن كۈزەتكەن بولۇپ، ئۇلار "ئۆزلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن قورقمايدىغانلىقىنى" بىلدۈرۈشتى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ قاتتىق دىكتاتۇرا مەملىكىتى بولۇپ، 1991-يىلى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ، ئىسلام كەرىموپنىڭ تۆمۈر قولى ئاستىدا بارلىق دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر ئۆز كۈچىنى يوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى پارلامېنت سايلاملىرىغا قاتنىشالمىدى. كەرىموپ تۈزۈمى 6 مىڭدىن ئارتۇق ئۆكتىچىنى تۈرمىگە تاشلاپ جازالاش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. كەرىموپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىمەكچى بولغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە يەنە بىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى - تۈركمەنىستان تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، سەپەر مۇرات نىيازوپ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىش، ئۆزىنىڭ شەخسىي داھىيلىق ئوبرازىنى تىكلەش ھەمدە دۆلەتنىڭ پۈتۈن سىياسىي ھاياتى ۋە بارلىق ئۇچۇر-ئالاقىلىرىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىۋېلىش بىلەن گەۋدىلىكتۇر. ئۇ ئىشىكنى مەھكەم تاقىۋالغان بولۇپ، ئۆكتىچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەر قانداق ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇرغان.
ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تاجىكىستان ئەڭ كەمبەغەل مەملىكەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 64٪ ئى نامراتلىقتا ياشايدۇ. بۇ جەھەتتە تاجىكىستان قىرغىزىستان بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. تاجىكىستاندىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ جايدا 1992-يىلى ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 500 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. بۇ بىر قاتار ئەھۋال تاجىكىستاندا خەلق قوزغىلىڭىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا يول قويمايدۇ.
رۇسىيە ۋە بېلوروسىيە
مەزكۇر فرانسۇز مۇتەخەسسىسى يەنە بېلوروسىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بېلوروسىيە غەربتە پولشا، شىمالدا بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرى، جەنۇپتا ئۇكرانىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ.بۇ مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى دېموكراتىك مەملىكەتلەردۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بېلوروسىيە رەھبىرى دىكتاتۇر ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ناھايىتى پايدىسىز قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى يەڭگۈشلەش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئاممىۋى ئاۋاز بېرىشقا يول قويماسلىق ۋە باشقىلارنى قوللىنىشى مۇمكىن. ھازىر بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختىدە دائىم ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە گەرچە دېموكراتىك دۆلەت دەپ ئۆزىنى جاكارلىسىمۇ، بىراق ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاستا-ئاستا ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمگە ۋە دېموكراتىيىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈۋاتقانلىقى سېزىلمەكتە. بۇ ئەھۋال رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى پەيدا قىلماقتا ۋە كۈچەيتمەكتە. كۈزەتكۈچىلەر رۇسىيىدىمۇ "لېمون ئىنقىلابى" ۋە ياكى "سېرىق رەڭلىك ئىنقىلاب" ياكى بولمىسا، مىللەتچىلىك خاراكتېرىدىكى بىرەر ئىنقىلابنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئاپتورنىڭ يەكۈنلىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان بۇن مەملىكەتلەردىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھەم ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق، بۇرۇنقى كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ يەنىلا ۋەزىپە ئۆتەپ، يېڭى دېموكراتىك كۈچلەرنى چەتكە قېقىشى شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار مەزكۇر مەملىكەتلەردە ھامان ئىلگىرى-كېيىن ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، دۇنيادىكى مۇستەبىتلىكنىڭ ھامان يوقۇلۇپ، دېموكراتىيىنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئۈمىدۋار)
