خەلق ئۆزى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان كىشىنى دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىمايدۇ


2004.11.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا "كۆزۈتۈش ژورنىلى" دا "خەلق ئۆزى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان كىشىنى دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىمايدۇ" سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورنى يازغان كىشى دەل خىتايدا "پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكىگە لەنەت - نەپرەت ياغدۇرايلى" دېگەن ماقالىنى يېزىپ تونۇلغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ئىدى.

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پروفېسسور جاۋ ئامېرىكىنىڭ كاننەكتىكەت شىتاتىنىڭ خارتفورد شەھرىدىكى تىرىنىتى ئۇنىۋېرسىتىغا كېلىپ، ھازىرقى زامان ئاخباراتچىلىقى بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىبىتى دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرگەن. ئۇ، بۇ پائالىيىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئېچىپ تاشلاشنى خىتايدىكى ئۇچۇر - ۋاستە خادىملىرى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ھازىرقى مۇشۇ بىر ئەۋلاتتىن باشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. پروفېسسور جاۋ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىدە يەنە دېموكراتىك سايلام ھەققىدە يېڭى ئوي- پىكىرلەرگە ئېرىشكەن.

خەلق سايلىمىغان دۆلەت رەئىسى چوقۇم خەلقنىڭ دۈشمىنى

كۆزۈتۈش ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، پروفېسسور جاۋ دېموكراتىك سايلام ھەققىدە قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن: خىتايدا دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزىدىن كېيىن رەھبەر بولىدىغان كىشىنى ، يەنى "ئىز باسار" نى ئومۇم خەلقنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى شەخسىي ئۆزى ئالدىن بەلگىلەپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىز باسارنى، خەلقنىڭ تىلى بىلەن ئەيتقاندا " قارا ساندۇق ئىچىدە بەلگىلەنگەن" بۇنداق دۆلەت رەئىسىنى چوقۇم رەت قىلىش كېرەك. بىز ھازىر 21 - ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلەت رەھبەرلىرىنى خەلق ئۆزلىرى سايلاپ چىقىۋاتسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جوڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تېخىچە قايسى بىر كىشى ئۆزى باشقىلار تەرىپىدىن ئىز باسار قىلىپ بەلگىلەنگەن سوغاتنى قۇبۇل قىلىپ خەلقنىڭ سايلىمىنى رەت قىلسا، بۇنداق كىشنى بىز خەلقنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىشىمىز كېرەك. مەنتىقە بۇيىچە خەلق ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغان، تۆھبە قوشىئىدىغان ئادەمنى دۆلەت رەھبىرى قىلىپ سايلايدۇ، خەلق ھېچقاچان ئۈزىنىڭ دۈشمىنىنى دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئەيتقاندا، خەلق سايلىمىغان، مەلۇم شەخسىلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ياكى ئۆزى زومىگەرلىك قىلىپ بولىۋالغان دۆلەت رەئىسى چۇقۇم خەلقنىڭ دۈشمىنى.

ھەر بىر پۇخرامۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ رەئىسىنى چوقۇم ئۆزى سايلاپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك

كۆزۈتۈش ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، پروفېسسور جاۋ دېموكراتىك سايلام ھەققىدە قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن: چەتئەللەردە دۆلەت رەئىسىنى خەلق ئۆزى سايلاپ چىقىدۇ. بىر قىسىم كىشى سايلىماقچى بولغان نامزات سايلىنالماي قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى سايلام پائالىيىتىگە قاتناشقان بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ سانلىق ئاۋازغا بوي سۇنىدۇ. بۇنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ۋاھالەنكى، بۇنداق دېموكراتىك سايلام ۋە بۇنداق جەريان خىتايدا يوق. خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى خەلق سايلاپ چىققان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى خەلققە زومۇ-زو تېڭىلغان "رەھبەر" لەر. ئۇلارنى خەلق سايلاپ چىقمىغان بولغاچقا، ئۇلار خەلق ئۈچۈن ئىش قىلمايدۇ، خەلقنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنى بەلگىلەپ قويغان كىشىنىڭ ياكى ئۆزىنى بەلگىلەپ قويغان گۇروھنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ، خەلق بىلەن قارشىلىشىدۇ، خەلقنى باستۇرىدۇ، خەلققە رەھمى قىلمايدۇ. ئەگەر ھازىرقى زاماندىمۇ خىتاي مىللىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھەتتا ئۆزىنىڭ دۆلەت رەئىسىنىمۇ ئۆزى سايلىيالمىسا، بۇ نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىم بار مىللەت دەپ پەخىرلىنىشكە نېمە ھەققى بار؟ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جوڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر بىر پۇخراسىمۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبىرىنى ئۆزلىرى مەدەنىيەتلىك شەكىل بىلەن سايلاپ چىقىشنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن تەشەببۇس قىلىش ۋە ئەمىلىيەتتە شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆزلىرىدىن باشلاش كېرەك.

"قارا ساندۇقتىن چىققان رەھبەر" نى مىللى مۇناپىق دەپ بىلىش كېرەك

كۆزۈتۈش ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، پروفېسسور جاۋ دېموكراتىك سايلام ھەققىدە قىلغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن: يەنە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىمۇ ئىز باسار بەلگىلەيدىغان، بۇ بىر ئەۋلاد رەھبەر يەنە بىر ئەۋلاد رەھبەرنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلادنى ئالدىن بەلگىلەپ قويىدىغان بۇنداق مەدەنىيەتسىز شەكىلنى ئاخىرىلاشتۇرىشى كېرەك. ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن “ئىز باسار" ئۆزى ئالدى بىلەن دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلالامدۇ، شۇنچىلىك قابىلىيىتى بارمۇ، خەلقنى نەزەردە تۇتامدۇ، خەلققە نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ، بۇنى ئويلىمايلا "قارا ساندۇقتىن چىققان غەنىمەت" نى قۇبۇل قىلىپ، ئومۇم خەلق سايلىمىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرى دۆلەت رەھبىرى بولىۋالسا، بۇنداق كىشىنى خەلقنىڭ دۈشمىنى، مىللى مۇناپىق دەپ بىلىش كېرەك.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.