دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى شۇئارلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنماقتا

0:00 / 0:00

2 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى سابىق خىتاي دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۆلگىنىگە 10 يىل بولغان خاتىرە كۈنى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دېڭ شياۋپىڭ قالدۇرغان سىياسىي مىراسمۇ خىتاي دائىرىلىرى چەكلەيدىغان مەزمۇنغا ئايلانماقتا. دېڭ شياۋپىڭغا ئائىت كىتاب، ژۇرنال ۋە ماقالىلەر نەشر قىلىنىشتىن مەنئىي قىلىنماقتا. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى دېڭ شياۋپىڭ ئۆلۈپ 10 يىل بولغان بۇگۈنكى كۈندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىتاب، جورنال ۋە ماقالە قاتارلىقلارنىڭ نەشر قىلىنىشىنى چەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى شۇئارلارنىمۇ مەنئىي قىلماقتا.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى دېڭ شياۋپىڭنى " ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ باش ئىنژېنېرى" دەپ مەدھىيىلەپ كەلگەن. ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ " دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى " نى مەخسۇس دەرسلىك ئورنىدا ئۆتكەن. لېكىن بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دېڭ شياۋپىڭ قالدۇرغان سىياسىي مىراسلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىنىشكە باشلىغان.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئالدىن بېيىش سىياسىتى كىملەرنى بېيىتتى؟

1970 ‏- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، دېڭ شياۋپىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، " ئالدى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا يول قويۇش كېرەك" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. دەل مۇشۇ شۇئار بۇگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئىنتايىن ئوسال ھالەتتە قالدۇرغان. چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويغان بۇ شۇئار ئوتتۇرىغا چىقىپ، 30 يىل ئۆتكەن بۇگۈنكى كۈندە، خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتكەن.

خىتاي پۇقرالىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ خىل پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشى دېڭ شياۋپىڭ سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەل دېڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ خىل ئالدىن بېيىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ، بىر قىسىم كىشىلەر بېيىپ تىقىلىپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز جېنىنىمۇ باقالماس ھالەتتە قالغان. ئەمەلىيەتتە دېڭ شياۋپىڭنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىش سىياسىتى كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ھوقۇقدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقەم - سايىلىرىنى بېيىتتى. ئادەتتىكى پۇقرالار بولسا مەيلى تۇراقلىق ئۆي مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە ئوقۇش، خىزمەت تېپىش ۋە ياكى دوختۇرغا كۆرۈنۈش جەھەتلەردە بولسۇن ، بۇ خىل ئىسلاھات ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى.

"ئىناق جەمئىيەت " ئارقىلىق "چىرىكلىكنى تۈزىتىش " مۇمكىنمۇ؟

خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە چوڭىيىپ كەتتى. 1999 ‏- يىلى خىتايدىكى بايلار تىزىملىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرىدىغان بايلارنىڭ پۇلى 50 مىليون يۇئەن بولسا، بۇ يىلقى تىزىملىكنىڭ ئارقىدا تۇرىدىغان بايلارنىڭ پۇلى 99 ‏- يىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بۇلۇپ، 800 مىليونغا يەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان "ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش" سىياسىتى ئەينى چاغدىكى دېڭ شياۋپىڭنىڭ " بىر قىسىم ئادەملەر ئالدىن بېيىش كېرەك " سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.