2 - خىتايدا مالىيە تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا شەھەرلەردە ئىلىكتىر قۇۋىتى ۋە تىلفون سىستىمىسىنى دۆلەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان. ئەمما يېزىلاردىكى بۇ سېستىمىنى دېھقانلار ئۆزى پۇل توپلاپ قۇرغان بولسىمۇ، ھەقنى ھۆكۈمەت ئالىدۇ. شەھەرلەردە ھەقنى تۈۋەن ئالىدۇ، يېزىلاردا بولسا ھەقنى قىممەت باھادا ئالىدۇ. شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنى دۆلەت قۇرغان، ئۇنىڭدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى دۆلەت خەلقتىن ئالغان باجتىن بېرىدۇ. يېزىلاردا مەكتەپلەرنى خەلق ئۆزى قۇرغان، ئۇنىڭدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى دېھقانلار تۆلەيدىغان باجنىڭ سىرتىدا بېرىدۇ. شەھەرلەردىكى يولنى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ياسىغان. يېزىلاردىكى يولنى دېھقانلار ئۆزى پۇل توپلاپ ياسىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قاتنىغان ئاپتوموبىللاردىن دۆلەت ھەق ئالىدۇ. شەھەردىكى خەلقمۇ، يېزىدىكى خەلقمۇ ھەممىسى دۆلەتنىڭ پۇخراسى، ئەمما ئۇلار نىمە ئۈچۈن بايلىقلارغا، مەنپەئەتلەرگە ئېگە بولۇش جەھەتتە ئوخشاش ئەمەس؟ بۇ ھۆكۆمەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىلىق بولغانلىقىدىن كېلىپ بولغان.
3 - خىتايدا ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئىجتىمائى كاپالەت دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇلتۇر 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىۋارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان "يەرنى ھۆددىگە بېرىش قانۇنى" دا يەرنى ھۆددىگە بېرىش 30 يىلدىن - 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا ھازىر 15 ياشلاردىكى بىرياش دېھقان يەنە 5 يىللاردىن كېيىن توي قىلسا، بالىلىرى بولسا، ئەمما ھۆددىگە بېرىلگەن يەر سانى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمىسە، ئائىلىگە يېڭىدىن قۇشۇلغان نۇپۇس ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى كاپالىتىنى نەدىن تاپىدۇ؟ يېزىلاردا يەرگە ئېگىدارچىلىق قىلىش دېھقانلارنىڭ بىردىن - بىر ياشاش ھۇقۇقى. ئەمما ھۆكۈمەت يەرنى ھۆددىگە بېرىش قانۇنىنى شەھەرلىكلەرنى يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ، بۇنىڭدا دېھقانلارنىڭ ئەقەللى ياشاش ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنمىغان.
4 - خىتايدا پۇل - مۇئامىلە تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بانكىنى "خەلق بانكىسى" دەپ ئاتايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بەھرىمان بولالمايدۇ. شەھەرلىكلەر خەلق بانكىسىدىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆرسۈتۈپ پۇل قەرىز ئالالايدۇ، ئۆيىنى گۈرۆگە قۇيۇپمۇ پۇل قەرىز ئالالايدۇ. دېھقانلارمۇ دۆلەتنىڭ پۇخراسى، دېھقانلارنىڭمۇ قولىدا كىملىك بار، ئۇلارنىڭمۇ ئۆيى بار، ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلدى دېيىلگەن يەر، تاغ، ئورمان دېگەنلەر، ھەتتا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ "خەلق پۇلى" دېگەن پۇلنىڭ ئاساسىغۇ، نىمىشقا ئۇنى گۈرۆگە قۇيۇپ پۇل قەرىز ئېلىشقا بومايدىكەن؟ دۆلەتنىڭ بانكىلىرى شەھەردە، چەتئەل بانكىلىىرىنىڭمۇ كەسپى يېزىلارغا چەكلەنگەن. دۆلەت يېزىلاردا پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى يولغا قويمىسا، دېھقانلار يۇرتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشقا پىلانىتلاردىن قەرىز ئېلىشى كېرەكمۇ؟
5 - خىتايدا باج تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا دېھقانلارنىڭ ئادەم بېشىغا توغرى كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 2000 يۇەن ئەتراپىدا، ئۇرۇغ، ئۆزىگە قالدۇرىدىغان يېمەك - ئىچمەك، ھايۋانلار ئۈچۈن قالدۇرىدىغان يەم خەششەك پۇلى بۇنىڭ ئىچىدە، دېمەك، بۇ سان دېھقانلارنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا قالىدىغان پۇل ئەمەس، بۇنىڭدىن يەنە كېلەر يىل ئۈچۈن سالىدىغان مەبلەغنى چىقىرىۋەتكەندە، دۆلەت ئالىدىغان 30% دىن ئارتۇق باجنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر دېھقان بىر يىلدا ئۆزى ئېگە بولۇپ ئىشلىتەلەيدىغان پۇل ئاران بىرنەچچە يۈز يۇەن. ئەمما شەھەرلەردە ھەر بىر ئادەم ھەر يىلى ئۆزىنىڭ دارامىتىدىن باشقا يەنە بىر نەچچە يۈز يۇەنلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا ئېگە بولىدۇ. تىجارەتتە زىيان تارتسا توختىتىپ قويالايدۇ. ئەمما دېھقانلار ئۇنداق قىلالمايدۇ، يەرنى تېرىىيالمىسا زىياننى قاپلاپ بېرىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا دېھقانلارغا يوق، دۆلەتكە تۆلەيدىغان باجنىمۇ تۈلىمەي مۇمكۇن ئەمەس.
6 - خىتايدا بايلىقلارنىڭ تەقىسىم قىلىنىش تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، دۆلەتتىن نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن بۇيرۇپ بېرىلگەن ياردەم پۇلى نامراتلارنىڭ قولىغا تېگىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ پۇلنى كىم تەقسىم قىلىدۇ؟ دۆلەت كادىرلىرى تەقسىم قىلىدۇ. يۇقۇرىدىكى كادىرغا تۈۋەندىكى كادىرلاردىن كىم يېقىنراق بولسا، يەنى كىم كۆپراق مەنپەئەت بەرگەن بولسا، پۇلنى شۇ ئالىدۇ. پۇل كادىرلار تەرىپىدىن دەرىجمۇ - دەرىجە پارچىلاپ شۈلىۋېلىنىپ، ئاخىر ھەقىقى نامرات جايدىكى نامرات ئادەمگە پۇل تەگمەيدۇ. نامرات جايدا قۇرۇلۇش قىلسا، ئىشنى كىمگە ھۆددىگە بېرىشمۇ شۇ جايدىكى دۆلەت كادىرىنىڭ ھۇقۇقى. ئۇلار ئىشنى ئۆزلىرىگە سىرتتىن كېلىپ مەنپەئەت بېرىدىغان ھۆددىگەرلەرگە بېرىدۇ. يەرلىك دېھقانلارنىڭ 99% ئى يەرلىك مەنپەئەتلەردىن چەتكە قېقىلغان. ھۆكۈمەت تەقسىم قىلغان بايلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قولىدا ھۇقۇق بار تەبىقىغە مەنسۇپ. مەسىلەن، داۋالاش بايلىقىنىڭ 80% ئى ناھىيىدىن يۇقۇرى ئورگانلارغا تەۋە بولىدۇ. مۇئارىپ بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتى دېگەنلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. ئەڭ ئاساسى قۇرۇلۇش بايلىقلىرى شەھەرلەرگە مەنسۇپ. ئەمىلىيەتتە يېزىلاردىكى نامراتلارغا ياردەم بېرىش ھەر دەرىجىلىك قۇقۇقدارلارنىڭ ئوينايدىغان قىمارغا ئايلانغان.شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يېزىلاردا ھەر كۈنى 300 مىليۇن ئىشسىز قالغان ئەمگەكچى ماجاڭ ئوينايدۇ. (ۋەلى)