7 - خىتايدا مۇئارىپ، سەھىيە تۈزۈملىرى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، مەلۇم بىر دېھقان ئوغلىنى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە پۇل قەرىز ئېلىپ ئۇقۇتقان ئىدى. بۇ دېھقان قەرىزگە بۇغۇلۇپ نامراتلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىر ئوغلىنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشقا قۇربى يەتمىدى. ئاخىر ئوغلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ئاتا - ئانىسىنىڭ قەرزىنى تۈلەش ئۈچۈن شەھەرلەرگە ئىش ئىزدەپ ماڭدى. شەھەردە ھەر ئايدا تاپقان 400 يۇەن پۇل ئۆزىدىن ئاشمىدى، 2000 يۇەن قەرىزنى 10 نەچچە يلغىچە تۈلەپ بولالمىدى. ئۇنىڭ يېشى 40 قا يەتكەندە، شەھەردە ئۇنىڭغا ئىش تېپىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىر يەنە يېزىغا قايتىپ كەلمەي ئامال بولمىدى. ھۆكۈمەت غەرپنى ئېچىش دېگەن پىلاندا "مۇئارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش " دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى، غەربتىكى خەلقلەر ھازىر بۇ سۆزگە ئىشەنمەيدۇ. ئەمدى ھۆكۈمەت "دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۆستى" دېيىشكە باشلىدى، ئەمىلىيەتتە، ھازىرقى مال باھاسى 1985 - يىلدىكى مال باھاسىدىن 7 ھەسسە يۇقۇرى. مەكتەپنىڭ ئۇقۇش چىقىمى ، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ چىقىمى يۈز ھەسسىلەپ ئۆرلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تۈزۈمىمۇخۇددى مۇئارىپ تۈزۈمىگە ئوخشاش نامۇۋاپىق. بۇنداقتا دېھقانلارغا داۋاملىق نامراتلاشماقتىن ئۆزگە نىمە يول بار؟
8 - خىتايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت "ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇۇرش" دېگەن گەپنى دايىم دەپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ گەپ يېزىلاردىكى دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ھۆكۈمەت تۈزگەن "ئەمگەكچىلەرنى قوغداش قانۇنى" شەھەردىكى ئىشچىلارنى نەزەردە تۇتقان. ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭمۇ دېھقانلار بىلەن مۇناسىبىتى يوق. بېيجىڭ، شاڭخەي دېگەن شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە خىلمۇ - خىل كەمسىتىش مەۋجۇت. ئەڭ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ھۆكۈمەت ئادەتتە مالىيە، باج ۋە بايلىقلارنى تەقسىم قىلىش يولى بىلەن ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويغاندىمۇ ھېچقاچان دېھقانلارنى نەزەردە تۇتمىغان. ھازىر خىتايدا يۈز مىليۇنلىغان دېھقان ئىشسىز، ئەمما دېھقانلارنى " قالاق، ساۋاتسىز" دەپ ئىشقا ئالمايدۇ. 1998 - يىلى چاڭجاڭ دەرياسىدا تاشقىن بولغاندا، ھۆكۈمەت توغانلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر كۇپ مىتىر توپىنى 12 يۇەندىن ھېساپلاپ قىزىل كاپىتالىسلارغا ھۆددىگە بەردى. كاپىتالىستلار ئىشنى تىراكتور شىركەتلىرىگە 3 يۇەندىن ھۆددىگە بېرىپ، ھەر بىر كۇپ مىتىردا 8 يۇەن پايدا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دېھقانلار ئۆز يۇرتىدا نەچچە 10 مىليارت يۇەنلىك كىرىمدىن مەھرۇم قالدى. بۇنداق سىياسەت بىلەن دېھقانلار نامرات بولمامدۇ؟
9 - خىتايدا ئىش ھەققى تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا شەھەرلەردىكى ئىش ھەققى تۈزۈمىدە توي قىلىش، ئەۋلات قالدۇرۇش، بالىلىرىنى ئۇقۇتۇش، ئاتا- ئانىلىرىنى بېقىش قاتارلىق چىقىملارنى نەزەردە تۇتقان. دېھقانلارغا قارىتىلغان ئىش ھەققى تۈزۈمىدە بۇنىڭ ھېچقايسى يوق. دېھقانلار ھازىر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئايدا 500 تاپالايدۇ، بۇ پۇل بىلەن ئۇلار ئەۋلات يىتىشتۈرۈپ، بالىلىرىنى ئۇقۇتۇپ، ياشانغان ئاتا - ئانىلىرىنى بېقىپ كېتەلمەيدۇ. ئۆزى قېرىغاندا ئۆزىنى باقىدىغان كاپالەتكىمۇ ئېگە ئەمەس. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىر يېزىلاردا ئۆيلىنەلمەيۋاتقان دېھقانلار ناھايىتى كۆپ. مانا بۇ دېھقانلارغا ماركىسىزمدىن قالغان غۇرۇبەتچىلىك. لۇشۆيى، گوشۇتىەن قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ ھېساپلىشىچە، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ھەر - بىر دېھقان ھەر يىلى 25 مىڭ يۇەن قىممەت يارىتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز قولىغا تېگىدىغان پۇل ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 مىڭ يۇەندىن 8 مىڭ يۇەنگىچە. دېمەك شەھەر ھەر - بىر دېھقاندىن 16 مىڭ يۇەن پۇلنى يۇلۇپ ئالغان. ئەگەر يۈز مىليۇن دېھقان شەھەرگە كىردى دەپ ھېساپلانسا، شەھەرلەر ئۇلاردىن بىر تىرلىيۇن 600 مىليارت يۇەن پۇلنى بولىۋالغان بولىدۇ. دېمەك، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا قاراتقان ئىش ھەققى تۈزۈمى، ئەمىلىيەتتە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سۇغۇرۇۋالىدىغان "سۇ تارتىش ماشىنىسى". ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئەيتقاندا، ھازىر يېزا قىزلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ شەھەرلەرگە ياتلىق بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلارنىڭ "چۆل - جەزىرىگە ئايلىنىشى"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
10 - خىتايدا يەر تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا "يېزىلاردا يەرلەر كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدە بولىدۇ" دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دېمەك، دېھقانلارنىڭ يەر-زىمىن ھۇقۇقى يوق. ئەمىلىيەتتە "كوللېكتىپ" دېگەننىڭمۇ يەر ھۇقۇقى يوق. دۆلەت خالىغان چاغدا دېھقانلار تۇرىۋاتقان ھەر - بىر مو يەرنى بىر نەچچە مىڭ يۇەندىن ياكى ئۇنىڭدىن ئەرزان باھادا يۆتكەپ ئېلىپ ، ئۇنى دۆلەت ئۆزى نەچچە 10 مىڭ ياكى نەچچە يۈز مىڭ يۇەندىن سېتىۋېرىدۇ. دېھقانلار ئۆزى تۇرغان يەرگە ئۆي سالماقچى بولسا، دېھقان يەرنى ئەمەس، يەرگە ئۆي سېلىش ھۇقۇقىنى ھۆكۈمەتتىن سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۆي سالالايدۇ. دېھقانلارنىڭ سانى بۇ دۆلەتتە پۈتۈن نۇپۇس سانىنىڭ% 70 نى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت ھەر يىلى دېھقانلار تۇرىۋاتقان يەردىن نەچچە 10 مىليارتلاپ پۇل يىغىۋالىدۇ. ئەمما دۆلەت دېھقانلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. خىتايدىكى يەر تۈزۈمىمۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سۇغۇرۇۋالىدىغان 2 - نۇمۇرلۇق "سۇ تارتىش ماشىنىسى". بۇنداقتا دېھقانلار نامرات بولمامدۇ؟ (ۋەلى)