دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان (5)

15 - خىتايدا نۇپۇس تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا شەھەر نۇپۇسى يېزا نۇپۇسىدىن ئەلا. يېزا نۇپۇسىدىكىلەر بالىلىرىنى شەھەرلەردىكى مەكتەپكە بەرمەكچى بولغاندا ئاندىن ئۇلار شەھەر نۇپۇسىنىڭ ئالى نۇپۇس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يېزا باللىرى بىلەن شەھەر باللىرىنىڭ يەيدىغىنىدىن تارتىپ كىيىدىغىنى، ئوينايدىغىنىغىچە ھەممە نىمىسى ئوخشىمايدۇ. يېزىلىقلار ئۆزىگە شەھەر نۇپۇسى ھەل قىلماقچى بولسا ئاشلىق ئىدارىسى، ساقچى ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى دېگەن 3 ئورۇندىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇنى بىجىرىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇلا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ پۇل كېتىدۇ. 90

- يىللاردىن باشلاپ ناھىيىلەر ھەر يىلى شەھەر نۇپۇسىدىن 100 نى، كېيىن 200 نى، كېيىنچە 500 نى ساتىدىغان بولدى. ھەر بىر نۇپۇسنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۇەندىن 30 مىڭ يۇەنگىچە. بۇنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە "ئارقا ئىشىك" كېرەك. كېيىن نۇپۇس مەمىلىكەت بۇيىچە سېتىلىدىغان بولدى. بېيجىڭ نۇپۇسىنىڭ باھاسى بىر نەچچە يۈز مىڭ يۇەنگە چىقتى. بېيجىڭلىق بولماق ھەممىدىن تەس. ۋاھالەنكى، خىتايدىكى نۇپۇس تۈزۈمى شەھەر بىلەن يېزىنى ئايرىۋەتكەن، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى بارغانسىرى چۇڭايتىۋەتكەن. بۇ ئەمىلىيەتتە يېزىلىقلارنى كىشىلىك ھۈرمىتى جەھەتتە شەھەرلىكلەر بىلەن تەڭ بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇرغان مۇدھىش تۈزۈم.

16 - خىتايدا ھۆددىگەر ئىزدەش تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، يېزىلاردا دۆلەتنىڭ "6 خىل قۇرۇلۇش" دەپ ئاتالغان مەبلەغلىرىگە ئېگە بولۇش، بولۇپمۇ "نامراتلارنى يۆلەش" دېگەن نامدىكى مەبلەغلىرىگە ئېگە بولۇش ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ، مەبلەغلەرنى ئىشلىتىشتە قوللىنىلىۋاتقان شەكىل ئۆزگىچە. يېزىلاردا كىرىم كۆپەيدى دېيىلگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە ھازىر 1 يۇەن پۇلنى 85 - يىلىدىكى 1 موچەنگە تەڭ قىممەتتە خەجلىگىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى. يېزىلاردا كىچىككىنە بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا داۋىراڭ سېلىپ ئېلان چىقىرىپ ھۆددىگەر ئىزلەيدۇ. بۇنى ئادىل تۈزۈم دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

خەلقئارادا تەرەققى قىلغان ئەللەردە بازار ئىگىلىكىدىكى جىددى رىقابەت جەريانىدا بۇ تۈزۈم ياخشى، ئەمما تەرەققى قىلمىغان قالاق يېزىلاردا بۇ تۈزۈم ئارقىلىق يەرلىك دېھقانلار قاتتىق كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ. ئەمىلىيەتتە ھازىر خىتاي يېزىلىرىدا ھۆددىگەر ئىزلەش دېگەن ئىش قانۇنلۇق ھالدا ياكى قانۇننىڭ سايىسىدا "ئەل - ئاغىنە" ياكى "دوست - بىرادەر" بولۇشۇپ، مەبلەغلەرنى ئۆز - ئارا تەقسىملىۋېلىشتىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ شەكىل ئەمىلىيەتتە ھۇقۇق بىلەن پۇلنىڭ ھەمكارلىقى بولۇپ قالدى. ھۇقۇقى بارلار بىلەن پۇلى بارلار بىرلىشىپ نامراتلارنى چەتكە قېقىش، بوزەك قىلىش بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش دەپ پۇل چۈشكەنسىرى نامراتلىق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.

17 - خىتايدا نازارەتچىلىك تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە،

خىتايدا ھازىر يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. دورا مەھسۇلاتلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلار، تەلەي سىناپ ئالىدىغان لاتارىيە بىلەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلار، پاي چەكلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلار، سۇغۇرتىغا ئىشەنمەيدىغانلار، بانكىغا ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئاخىر "نازارەت قىلىدۇ" دېيىلگەن ئورگانلارلارغىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولدى . چۈنكى نازارەت قىلىدىغان ئورگانلارمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىۋالغانلىقتىن، جەمىيەتتە ئىشەنجى دېگەن نەرسە بارغانسىرى ئازلاپ قالدى. خەلق، بولۇپمۇ دېھقانلار شۇ نازارەت قىلىدۇ دېگەن ئورگانلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ زىيان تارتىپ، قايتا - قايتا زىيان تارتىپ ساۋاق ئالدى. تېگى تەكتىدىن ئەيتقاندا، بۇننىڭ ھەممىسى خىتايدا ھەقىقى دېموكراتىيە تۈزۈمى تىكلەنمىگەنلىكتىن بولغان.

18 - خىتايدا ۋەكىل تۈزۈمى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ناھىيىلەردە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى يىغىن ئاچسا "دېھقانلار ۋەكىلى" دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى شەھەرلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانىدىن ئاز، ئاران 10 نىڭ 1 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزىلارنىڭ ئۆزىدە خەلق قۇرۇلتېيى يىغىن ئاچقاندىمۇ، يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى كادىرلار. ھەقىقى دېھقان ئاساسەن يوق، بولسىمۇ كادىرلار كۆرسۈتۈپ بەلگىلەنگەن كىشىلەر ياكى كادىرلارنىڭ تۇققانلىرى.

راستىنى ئەيتقاندا، خىتايدىكى ھازىرقى ۋەكىل تۈزۈمى دېھقانلارنامراتلىشىشنىڭ مەنبەسى. چۈنكى خىتايدا ھەر قانداق يىغىندا دېھقاننىڭ ئاۋازى يوق. بىز شۇنداق دەپ ئەيتالايمىزكى، ئەگەر ھازىر خىتايدا يولغا قۇيۇلىۋاتقان مۇشۇ تۈزۈملەرنىڭ قايسى بىرى بايلار بىلەن نامراتلارنى، شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارنى، پۇخرالار بىلەن ئەمەلدارلارنى تەڭ - باراۋەر ئورۇندا قويغان بولسا، دېھقانلار بۇقەدەر غۇرۇبەتچىلىككە قالمىغان بولاتتى. شەھەرلەردىن زىيالى ياشلار يېزىلارغا ئىبەرتىلگەن يىللاردا، يېزىلاردا دېھقانلار ئۆزلىرى ئاچلىقىتىن ئۆلۈپ كېتىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا شەھەرلەردىن كەلگەن زىيالى ياشلارنى ئەڭ ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزۇپ، ئەڭ ياخشى تاماقنى يېگۈزۈپ ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزغان.

شۇنداقتىمۇ يېزىغا بارغان زىيالى ياشلار 10 نەچچە يىلغىچە پەقەت يەرلىشەلمەي، ھەممىسى "يېزا دېگەن ئادەم ياشايدىغان جاي ئەمەسكەن" دېگەن ئورتاق تۇنۇشقا كېلىپ قايتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى دېھقانلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر غۇرۇبەتچىلىكتە ياشايدىغانلىقىنى، كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئادەم قاتارىدا كۈرۈلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ بىر ئالاھىدە لايىھەلەپ چىقىلغان تەڭسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانلىقى. بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر خاتىمە بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك.(ۋەلى)