دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان (6)

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا دېھقانلاردىكى نامراتلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئىككى جەھەتتىن، يەنى تۈزۈم جەھەتتىن ۋە تۈزۈلمە جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىنغانلىقىنى باشتىلا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. بىز ئالدىنقى 5 قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ماقالىدىكى تۈزۈم جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەرنى، يەنى دېھقانلار ئۈچۈن نامۇۋاپىق بولغان 18 خىل تۈزۈم ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. ئەمدى تۆۋەندە مەزكۇر ماقالىدىكى تۈزۈلمە جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەرنى تۇنۇشتۇرىمىز.

تۈزۈلمە ۋە نامراتلىق

ئاپتور تۈزۈلمە جەھەتتە ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:

خىتايدا جەمىيەت نامۇۋاپىق تۈزۈملەر تۈپەيلىدىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن. شەھەر بىلەن يېزا، باي بىلەن نامرات، ئىشچى بىلەن دېھقان، پۇقرا بىلەن ئەمەلدار، ئەمگەكچى بىلەن كاپىتالىست، مەركىزى كومىتېت مالىيىسى بىلەن يەرلىك مالىيە، رېئال ئىقتىسادىي ھالەت بىلەن توقۇلما ئىقتىسادىي ھالەت ۋە غەرب بىلەن شەرق، خەلق بىلەن كوممۇنىست پارتىيە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى چوڭ قۇتۇپقا بۆلۈنگەن. بىر قۇتۇپ باي ھەم كۈچلۈك، يەنە بىر قۇتۇپ نامرات ھەم ئاجىز. ھۆكۈمەت كۈچلۈك، خەلق ئاجىز. بۇنداق ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا تەڭ - باراۋەرلىك يوق. كۈچلۈك قۇتۇپ ئاجىز قۇتۇپتىن زورلۇق بىلەن چەكلىمىسىز ھالدا مەنپەئەت ئېلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق تۈزۈلمە شارائىتىدە كۇچلۇق تەرەپ قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلەرنىڭ ٪ 85 ئى ئاران ٪ 15 كىشىنىڭ قولىغا توپلانغان. بۇ كاپىتال جۇغلانمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. خىتايدا بۇنداق كاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ دائىرىسى ھازىر ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كىچىكلىمەكتە. كاپىتال بارغانسىرى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا توپلانماقتا. بۇ جەرياندا بىز "تۇراقلىق ھەممدىن ئەلا" دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ كۇچلۇق قۇتۇپنىڭ ئاۋازى، كوممۇنىست بايلىرىنىڭ، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاۋازى. ئۇلارنىڭ بۇ تۈزۈلمىنى تۇراقلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ئاللىقاچان قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلەرنى تۇراقلىق قىلىپ، يەنە داۋاملىق تۈردە ئاجىزلاردىن، نامراتلاردىن مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن ۋارقىراپ - جارقىراپ زورلۇق قىلىۋاتقان ھەرىكىتى. دېھقانلاردىكى نامراتلىق دەل مۇشۇنداق تۈزۈلمە ۋە "تۇراقلىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەن زورلۇق ھەرىكەت ئاستىدا پەيدا بولغان نامراتلىق.

تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش بىر چوڭ ئىسلاھات، ئەمما...

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، جەمىيەتتىكى تۈزۈلمىنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ ئۆزى بىر ناھايىتى چوڭ ئىسلاھات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتايدا "خەلق كوممۇناسى" دەپ ئاتىلىدىغان كوممۇنىزمچە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پىلانلىق ئىگىلىك بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ تۈزۈلمە دەل "ئائىلىلەرگە كۆتىرىگە بېرىش" دېگەن ئىسلاھات ئارقىلىق تىنچ ھالدا ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بۇ بىر چوڭ ئىسلاھات بولدى. شۇنىڭ بىلەن بازار ئېگىلىكى پىلانلىق ئېگىلىكنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا شارائىت تۇغۇلدى. ئەمما "ئائىلىلەرگە كۆتىرىگە بېرىش" دېگەن بۇ ئىسلاھات يەنىلا "كوللېكتىپ مۈلۈكچىلكى" دېگەن كوممۇنىزمچە مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا قالغاچقا، شۇڭلاشقا دېھقانلار بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق يەنىلا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېگە بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىغان يېزىلاردىن ئىبارەت بۇنداق كەڭ زىمىندە داۋاملىق ھالدا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

كەلگۈسىگە قىياس

"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇنداق تۈزۈلمە شارائىتىدا، دېھقانلار نامرات ھەم ئاجىز. ئۇلارسىياسى جەھەتتە ھوقۇقسىز، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى مول قىممەت يارىتىپ، پۇل بىلەن ھۇقۇقلارنى سېتىۋالالايدىغان كۈچكە ئېگە ئەمەس. ئاز دېگەندە يېقىنقى يىللاردا بۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىر نامۇۋاپىق تۈزۈملەر بارغانسىرى قاتماللىشىۋاتىدۇ.

ئاپتور ھازىر بارغانسىرى قاتماللىشىۋاتقان نامۇۋاپىق تۈزۈملەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆز ئالدىمىزدا 3 يول بارلىغىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ بىرى، كۇچلۇق تەرەپ مۇرەسسىگە كېلىپ ئاجىز تەرەپكە يول قۇيۇش؛ ئىككىنجىسى، بۇ تۈزۈلمىنى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش؛ ئۈچىنجىسى، بۇ تۈزۈلمىنى دېموكراتىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش. ھازىر 1 - خىل يولدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟ ئاللىقاچان مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىپ بولغان كوممۇنىستلار قولىدىكى مەنپەئەتلەرنى خەلققە ئىختىيارلىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ 2 - خىل يول خەتەرلىك، زوراۋانلىق ھەرىكەتتىن چوڭ بالايى-ئاپەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن ساقلانغان ياخشى. 3 - خىل يول، خىتايدا دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش ئارقىلىق ھازىرقى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، بۇ ئەڭ ياخشى شەكىل. ئەمما خىتايدا دېموكراتىيىنى تىكلەپ چىقىشنىڭ ئىھتىماللىقىمۇ ھازىر ھېچ كۆزگە كۈرۈنمەيدۇ. بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تېخىمۇ مۇستەبىتلىككە قاراپ ماڭدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ كەلگۈسىنى نېمە دەپ قىياس قىلىش كېرەك؟ (ۋەلى)