غەربنى "مۇستەملىكە" قىلىۋالماسلىق كېرەك
ئاپتور "دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىسىنى باشلانغاندا ئالدى بىلەن يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولسىمۇ، ئەمما خەلقى نامرات قالغان بىر يېزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بولسىمۇ، ئەمما خەلقى نامرات قالغان يەنە بىر يېزىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تونۇشتۇرغان ئىدى. ئەمدى ئاپتور ماقالىسىنى ئاياغلاشتۇرىدىغاندا يەنىلا مۇشۇ ھېكايىلاردىن ھاسىل بولغان مۇلاھىزە ۋە تەسەۋۋۇرلارغا ئاساسەن خىتايدا كەلگۈسىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: غەرب تەرەپنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى )نېفىت گازى، كۆمۈر، ئېلېكتىر قۇۋىتى قاتارلىقلارنى( شەرق تەرەپ ئىنتايىن ئاز مەبلەغ سېلىپ ئۆزلىرى ئېچىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر غەربنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى پۈتۈنلەي شەرقنىڭ كاپىتالىغا ئايلىنىپ بولدى.
غەربنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى مۇشۇ تەرىقىدە ھەقسىز ھالدا ياكى ئىنتايىن ئەرزان باھادا ئۆزلۈكسىز شەرققە ئېلىپ كېتىلىۋەرسە، بۇنىڭ بىلەن شەرقنىڭ، بولۇپمۇ شەرقتىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەرزان بايلىق مەنبەسىگە تايانغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن ئاشىدۇ. شەرق تەرەپنىڭ تەننەرقى شۇ قەدەر تۆۋەن توختىغان مول مەھسۇلاتلىرى غەربنىڭ بازارلىرىنى باسىدۇ. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن غەربتە ئىشسىز قالغان، نامراتلاشقان ئەمگەكچىلەر شەرققە، بولۇپمۇ شەرقتىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئېقىشقا باشلايدۇ. بۇنداقتا ئىشسىزلىق كۆپىيىپ نامراتلىق قاپلىغان غەربتە شەرقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى قانداق قىلىپ بازار تاپىدۇ؟ بۇ يەردە بىر يوشۇرۇن مەسىلە بار. دېمەكچىمىزكى، غەربنى "مۇستەملىكە"گە ئايلاندۇرىۋالماسلىق كېرەك، ھازىر بۇنداق قىلمىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چوقۇم ئۇچۇق ئېتىراپ قىلىش كېرەك.
باھادا ئادىل بولمىغان ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟
"دېھقانلاردىكى نامراتلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر جەمىيەتتىكى باي ۋە كۈچلۈك قۇتۇپ يېزا، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار مەسىلىسى دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسى سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت، دەۋاتىدۇ. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۈرئەتنى تىزلىتىش كېرەك، دەۋاتىدۇ. غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى باھادا ئادىل بولمىغان ئالماشتۇرۇشنى ۋە يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى باھادا ئادىل بولمىغان ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۇچايتىش كېرەك، دەۋاتىدۇ. بۇنداق باھادا ئادىل بولمىغان ئالماشتۇرۇش دېموكراتىيە تۈزۈمى ۋە بازا ئىگىلىكى شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالماشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەڭسىزلىك. شۇنداقلا ھوقۇقلارنى قولىغا چاڭگاللىۋالغان زوراۋان تەبىقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، شەرقنىڭلا تەرەققى قىلىشى ۋە شەھەرلەرنىڭ كەڭىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالماشتۇرۇش. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇزۇنغا قالماي بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭدوڭ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى 10 مىليون نوپۇسلۇق، 20 مىليونلاپ نوپۇسلۇق، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ نۇپۇسلۇق خەلقئارالىق شەھەرلەرگە ئايلىنىپ بولىدۇ. پۈتۈن مەمىلىكەت ئىقتىسادىنىڭ٪ 90 تىن ئارتۇقىنى شەرق ۋە چوڭ شەھەرلەر ئېگەللەيدۇ. "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان خىزمەت" دېگەن شۇئار پۈتۈنلەي شەرقنىڭ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاۋات - باياشاتلىقىنى ئۇچۇق - ئاشكارا قوغدايدۇ. "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان خىزمەت" دېگەننىڭ نەتىجىسىدىن دېموكراتىيە ئەمەس، بەلكى ھۇقۇقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، يەنى مۇستەبىتلىك تىكلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نوپۇسنىڭ 60-70٪ نى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلار داۋاملىق تۈردە جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن تەبىقىسى سۈپىتىدە قېلىۋەرسە، زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش دېگەن ھەرىكەتلەردە ئۇلار داۋاملىق چەتكە قېقىلىۋەرسە، ئۇلار رادىكاللىشىدۇ، بۇنىڭدىن دېموكراتىيە ھاسىل بولامدۇ ياكى نىمە ۋەقە كېلىپ چىقىدۇ؟ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. (ۋەلى)
تۈگىدى