گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسىدە "چوڭ دىكتاتور"

0:00 / 0:00
MAO-ZEDONG-150.jpg
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ماۋ زېدوڭ

گېرمانىيىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە قانىلى ZDF تەرىپىدىن ئىشلەنگەن "چوڭ دىكتاتور" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 3 – قىسمى، 14 – نويابىر كۈنى كەچ سائەت 8:15 مىنۇت ئۆتكەندە تاماشىبىنلار نەزىرىگە سۇنۇلدى. 45 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا، بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى، يەنى 1976 – يىلى 9 – سېنتەبىر كۈنى ئۆلگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ماۋ زېدوڭنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ماۋزېدۇڭ 20 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۈچ چوڭ دىكتاتورنىڭ بىرى ۋە ئەڭ ۋەھشىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. دۇنياغا مەشھۇر ئۈچ چوڭ دىكتاتوردىن ھېتلىر ۋە ستالىننىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەم ئىنسانىيەت دۇنياسىغا كەلتۈرگەن بالايى ئاپەتلىرى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر، ئالدىنقى كۈنلىرى ZDF قانىلىدا ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

"چوڭ دىكتاتور" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 3 – قىسمى مەخسۇس ماۋ زېدۇڭنىڭ خۇسۇسى تارىخى، ئۇنىڭ گومىنداڭ ۋە ياپونغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن قوزغىغان ھەر تۈرلۈك تېررورىستىك ھەرىكەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستېرى كىسسىنگېر، خىتاي كومپارتىيىسىنىگ ئەينى چاغدىكى رەھبەرلىرىدىن چېن يىزى، تارىخچى، پروفېسسور رودېرىك ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ بىئوگرافىيىسىنى يېزىپ چىققان تارىخچى جۇڭ چاڭ قاتارلىقلار زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ماۋ زېدۇڭغا بەرگەن باھالىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىلىمدا ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش يولىدا 20 مىليون خىتاينىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك ئىچكى ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، يەنە 70 مىليون خىتاينىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1956 – يىلى "ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، جىمى ئېقىم بەس-بەستە سايراش" ھەرىكىتىنى قوزغاپ، پۈتكۈل خىتايدىكى زىيالىلارنى، ئىلغار كۈچلەرنى كۈرەش مەيدانلىرىدا ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا جازالىغانلىقى ھەم قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكى، 1966 – يىلى "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئەنگىلىيىنىڭ تەرەققىياتىغا 15 يىلدا يېتىشىۋېلىش شۇئارى بىلەن 20 مىليون دېھقاننى ئاچلىقتا ئۆلتۈرگەنلىكى، 1966 – يىلى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نى قوزغاپ، يەنە قانچە ئون مىليون ئىنساننى ھاياتىدىن ئايرىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

ماۋ زېدۇڭ بۇ قەدەر كۆپ ئىنساننى ژاندارمىلارنىڭ ياكى ئەسكەرلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى "قىزىل قوغدىغۇچىلار" نىڭ ئەسەبىيلىكىگە تايىنىپ ئۆلتۈرگەن. مۇشۇنداق بىر چوڭ مۇستەبىت ۋە تېررورىستنى بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ "ئۇلۇغ داھى ۋە قابىل يىتەكچى" ساناپ چوقۇنغانلىقى، ئۇنىڭ شاۋ شەندىكى تۇغۇلغان ئۆيىنى مۇزىيغا ئايلاندۇرۇپ زىيارەت قىلىدىغانلىقى، بۈگۈنكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۇنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقى، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ قاتۇرۇلغان جەسىدىگە تازىم قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق، بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ ئاڭ – سەۋىيە قۇرۇلمىسى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

فىلىمدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1949 – يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانداق بېسىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا 1956 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان "ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، جىمى ئېقىم بەس-بەستە سايراش" ھەرىكىتى جەريانىدا ۋە 1966 – يىلى قوزغالغان „چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" ھەرىكىتى جەريانىدا ۋە ياكى 1966 – يىلى قوزغالغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" جەريانىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتلەر ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭغا قوشۇپ ئېلىپ بېرىلغان "يەر ئىسلاھاتى"، "يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش" دېگەندەك ھەر تۈرلۈك تېررورىستىك ھەرىكەتلەرنىڭ زەرەرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددى – ھېسابى يوق.