شىنخۇا ئاگىنىتلىغىنىڭ خەۋېرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتىتى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىىسنىڭ گۇاڭئەن شەھرىدە دېڭشاۋپىڭنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتتە جاڭ زېمىننىڭ "دېڭ شاۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلى" دېگەن خەت نۇسخىسى ئويۇپ تەييارلانغان دېڭ شاۋپىڭ ھەيكىلىنىڭ ھەشەمەتلىك قىزىل تاۋار يۇپۇقىنى خۇ جىنتاۋ ئاچقان. شىخۇا ئاگىنىتلىغىنىڭ خەۋېرىدە "مەركىزى كومىتىت رەھبەرلىرى بۇ پائالىيەتتە دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئائىلە - تەۋەلىرى، تۇققانلىرى ۋە يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىلىرى بىلەن كۈرۈشتى" دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، "ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى" نىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋېرىدە بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ دېڭ بۇفاڭ، دېڭ لىن، دېڭ نەن، دېڭ روڭ قاتارلىق ئوغۇل ۋە قىزلىرى 8 - ئاينىڭ 13 كۈنى سىچۇەننىڭ گۇاڭئەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېڭ شاۋپىڭنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان 400 ئادەمنىڭ ئىچىدە يوق، ھەتتا دېڭ شاۋپىڭنىڭ رەپىقىسى جولىنمۇ يوق. ۋاھالەنكى، بۇ قېتىم خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتىتى ئۇيۇشتۇرغان دېڭ شاۋپىڭنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى جاڭ زېمىن ۋە خۇجىنتاۋلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى تەشەببۇسىنى ئىپادىلەيدىغان مەيدان بولۇپ قالغان.
مۇستەقىل سىياسى مۇلاھىزىچى لىۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن يوللىغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دېڭ شاۋپىڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، بورۇنقىغا ئوخشاشلا، يەنىلا كوممۇنىست ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تارىخنى بورمىلاپ، ئۆزلىىرنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرىدىغان پائالىيىتى بولدى.
لىۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى دېڭ شاۋپىڭنى خاتىرىلەشنى بانا قىلىپ ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ پائالىيەتتە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىرىمۇ ھەر ئامال قىلىپ ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق باشقا شەكىللەرنى قوللىنىپ تارىخنى بورمىلاپ جىنايىتىنى يۇشۇرىۋالىدىغان بۇنداق پائالىيەتنىڭ سىرتىدا قالمىدى.
كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بۇ پائالىيەتتە - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىۇشاۋبو ئەپەندى، ــ 80 - يىللاردا خىتايدا ئىسلاھاتنى يولغا قويغان باشقا كىشىلەرنىڭ تۆھبىلىرىنى يوققا چىقىرىپ، پەقەت ئىككى قولى قانغا بويالغان دېڭ شاۋپىڭنىلا ئىسلاھاتنى يولغا قويغان "بىردىن - بىر" ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشتى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شۇ يىللاردا سىياسى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان باش شۇجى خۇياۋباڭ ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، يېزىلاردا مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە كۆترىگە بېرىش، شەھەرلەردە كارخانا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، كۆرۆلگەن مەسىلىلەرنى تىنج ۋە سىياسى شەكىل بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش دەپ تەشەببۇس قىلغان باش شۇجى جاۋزىياڭ ئىدى. شۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان كىشى دەل شۇ دېڭ شاۋپىڭ ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتىتى دېڭ شاۋپىڭنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىن پايدىلىنىپ، ھەممە نەتىجىنى پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ نەتىجىسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن، دېڭ شاۋپىڭنىلا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى بولسا دېڭ شاۋپىڭنىڭ سىياسىي مىراسخورى قىلىپ كۆرسەتتى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىۇشاۋبو ئەپەندى، ـــ خىتايدا نۇرغۇن ۋاقەلەرنى خەلق ئۆزى ئىستىخىيىلىك ھالدا قوزغىغان ئىدى. مەسىلەن: 1976 - يىلى باش مىنىستىر جۇئېنلەي ئۆلگەندە جەمىيەتتە پەيدا بولغان ۋاقە. شۇ ۋاقىتتىكى داۋالغۇش خەلقنىڭ ئىستىخىيىلىك ھالدا قوزغىغان خاتىرلەش پائالىيىتىدىن كىلىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىستىخىيىلىك ھالدا قوزغالغان دېمۇكراتىك ھەرىكەتلەر بار. مەسىلەن: "بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش" دەپ چەكلەنگەندە كىلىپ چىققان شىدەن كۇچىسىكى دېموكراتىيە تېمى ۋاقەسى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتايدا بۇنداق دېموكراتىك ھەرىكەت توقتىماي داۋاملاشتى. ئاخىر خەلق 89 - يىلى ھۆكۈمەتتىن خىيانەتچىلىككەـ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تىەنئەنمېن مەيدانىدا چىش - تىرنىغىغىچە قوراللانغان ئازاتلىق ئارمىيە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق خەلقنى تانكا بىلەن باستۇرغان ۋاقە يۈز بەردى. بۇ ۋاقەلەرنىڭ ھەممسىنىڭ پەيدا بولىشىغا دېڭ شاۋپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى سەۋەپچى بولغان ئىدى. ئەسلىدە، خىتايدا ئىسلاھات باشلانغان ھامان، دېڭ شاۋپىڭ "4 ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش" دېگەننى تەكىتلەپ، دېموكراتىيەنى باستۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن ئىدى. شۇ جەرياندا دېڭ شاۋپىڭ "بۇلغۇنۇشقا قارشى تۇرۇش" ، "ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش" دېگەن ناملار بىلەن كەينى - كەينىدىن ئىككى باش شۇجىنى (خۇياۋباڭ بىلەن جاۋزىياڭنى) ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. 89 - يىلى خەلقنى قوراللىق باستۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن تا ھازىرغا قەدەر خەلق خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تېررورلىقى ئاسىتا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خىتايدا "دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى" بۇيىچە "خەلقنى بولايدىغان كاپىتالىزىم" يولغا قويۇلدى. خەلقنى "شاۋكاڭ" دەپ ئاتالغان "باياشاتلىق" جەمىيەتكە يەتكۈزۈش شۇئارى ئاستىدا خەلقنى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي قۇتۇپقا بۆلىۋەتتى. خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىككە يول ئاچتى. "ئىقتىساتنى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش" دېگەن نام بىلەن خەلقنىڭ مەڭگۇلۇق ھايات مۇھىتىنى بۇزدى. "ئومۇمخەلق مەدەنىيىتى" دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، جەمىيەتنى ئەنئەنىۋېي مەدەنىيەتتىن چەتنەتكەنلىكتىن ، جەمىيەتتە ئەخلاق بۇزۇلۇپ چۈشكۈنلۈشۈش ئەۋج ئالدى. ھازىر خىتاي جەمىيىتى ھۇقۇق ئېگىلىرى ۋە ئۇلارغا ھامىلىق قىلدىغان بايلار ئۈچۈن جەننەت، ئەمما خەلق ئۈچۈن دوزاققا ئايلاندى. (ۋەلى) (داۋامى بار)