خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سىچۈئەن ئۆلكىسىنىڭ گۇئاڭئەن شەھىرىدە دېڭ شياۋپىڭنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" دىمۇ جوڭ ۋېيگۇئاڭ، سۇۋېي ئەپەندىلەرنىڭ دېڭ شياۋپىڭ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى، ۋاڭ سې، خۇئاڭ خېچىڭ ئەپەندىلەرنىڭ دېڭ شياۋپىڭ ھەققىدە چىقارغان يەكۈنى ئېلان قىلىندى.
جوڭ ۋېيگۇئاڭ، سۇۋېي ئەپەندىلەر مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلغان: دېڭ شياۋپىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ قىرغىنچىلىقنى خىتايدا پەيدا قىلدى. ئۇ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپ تانكا، پىلىموتلار باستۇردى. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بۇرۇن گىتلېر يەھۇدىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتىن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئۆزى بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇش جەھەتتە مۇستەبىتلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئەمما باشقا مۇستەبىتلەر قىرغىنچىلىقنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، دېڭ شياۋپىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۇچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىلدى. ئۇ خىتاي خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان دېموكراتىك تۈزۈمىنىمۇ مەسخىرە قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتىنى قىلچە مەنسىتمىگەن ھالدا "بىر نەچچە يۈز مىڭنى قىرىپ تاشلانسا، دۆلەتتە 20 يىلغىچە تۇراقلىق بولسا، چەتئەللىكمۇ بىزدىن قاچماي كېلىپ سودا قىلىدۇ" دېدى. دېڭ شياۋپىڭ بىزگە ئوخشاش ئادەم ، ئەمما ئۇ نېمە ئۈچۈن بىزنى خالىغانچە ئۆلتۈرەلەيدۇ، بىزنى خالىغانچە ھاقارەتلىيەلەيدۇ؟ مۇشۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، بىز دېڭ شياۋپىڭغا ھەرگىز مەدھىيە ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بىزمۇ ئادەم!
"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ۋاڭ سې، خۇئاڭ خېچىڭ ئەپەندىلەردېڭ شياۋپىڭغا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: دېڭ شياۋپىڭ 1956 - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىدا باش شۇجى بولدى.1957 - يىلى، ماۋزېدۇڭ خەلق ئىچىدىكى بىلىملىك ئادەملەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن "ئېچىلىپ - سايراش" دېگەن سۈيىقەستنى پىلانلاپ چىققاندا، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىغى دېڭ شاۋپىڭ ئىدى. ئۇ، شۇ قېتىمقى سىياسى ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى پىكىر بېرىپ تەنقىد قىلغانلىكى زىيالىيلارنى "ئوڭچى"، "ئەكسىلئىنقىلاپچى" دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ جازالىدى، باستۇردى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللارغىچە توختىماي ئازاپلىنىشىغا سەۋەپچى بولدى. بۇ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ دېموكراتىيەگە بىرىنجى قېتىم قىلىچ چېپىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
1966 - يىلى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئەمدىلا باشلانغاندا، باش شۇجى دېڭ شاۋپىڭ دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى بىلەن بىرلىكتە جايلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىبەرتىپ "ئىكىكىنجى قېتىملىق ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەركىتى" نى قوزغىدى، ھەتتا "تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ تەنقىتلەش، كۆرەش قىلىش ھەم ئۇلارغا قالپاق كەيگۈزۈشكە بولىدۇ" دەپ بەلگىلىمە چىقاردى. گەرچە كېيىن ئۇ ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن يىقىتىلغان بولسىمۇ، بۇ ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ دېموكراتىيىگە ئىككىنجى قېتىم قىلىچ چېپىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1979 - يىلى، خەلق ئىچىدە دېموكراتىيىگە ئېرىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغالدى. بۇ چاغدا بېيجىڭنىڭ "شىدەن كۇچىسىدكى دېموكراتىك تام" پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىگەن ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ ئالدى بىلەن بۇ ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ ماۋزېدوڭ تەستىق سالغانلىكى نەرسىنى ئۆزگەرتمەي ئىجرا قىلىش دەپ تەكىتلەيدىغان رەھبەرلەرنى يىقىتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا دېموكراتىك ھەرىكەتتە گېزىت - ژۇرنال چىقارغان كىشىلەرنى باستۇردى. ۋېي جىڭشېڭ ئەپەندى پەقەت "دېڭ شياۋپىڭدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك" دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇنى تۈرمىگە سولىۋەتتى. 80 - يىللاردىمۇ، دېڭ شاۋپىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى "ئىسيانچىلارنى ئىچكى جەھەتتە سۈرۈشتۈرۈشنى توختاتمىدى. بۇ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ دېموكراتىيىگە ئۈچىنچى قېتىم قىلىچ چېپىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1989 - يىلىغا كەلگەندە ، دېڭ شياۋپىڭ قىلچە تەپ تارتماستىن تۇرۇپ دۆلەتنىڭ مۇنتىزىم قوراللىق قىسىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ دېموكراتىك ھەرىكەتنى قانلىق باستۇردى. بۇ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ دېموكراتىيىگە تۆتىنچى قېتىم قىلىچ چېپىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ سې، خۇئاڭ خېچىڭ ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، دېڭ شياۋپىڭ 1957 - يىلىدىن 89 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم دېموكراتىيىنى باستۇردى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەر قېتىم دېموكراتىيىگە قارشى چاپقان قىلىچى ئالدىنقى قېتىمقىدىن ۋەھشى بولدى. ئۇ دېموكراتىيىنى باستۇرۇش جەھەتتىكى قەتئىلىكى، زەھەرلىكلىكى، ۋەھشىلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئاندىن خىتايدا ئىمتىيازلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇق تۇتىشى ئاخىرلاشتى. (ۋەلى)