خىتايدا "ئىسلاھاتنى لايىھىلىگەن باش ئېنجىنىر" دەپ ئاتالغان دېڭ شاۋپىڭ چەتئەللەردىن كاپىتالىزىمنىڭ "بازار ئىگىلىكى" نى ئىمپورت قىلىپ خىتايدا ئىقتىساتنى جاندۇرۇش جەھەتتە تۆھبە قوشتى، ــــــ ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ــــــ ئۇ، "مەيلى ئاق مۈشۈك بولسۇن، قارا مۈشۈك بولسۇن، چاچقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك" دېگەننى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمىلىيەتچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئۇ 89 - يىلىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئارقىلىق يەنە ئۆزىنىڭ كوممۇنىست مۇستەبىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ھازىر خىتايدا بىر قىسىم كىشىلەر "دېڭ شاۋپىڭ ئىسلاھات باشلىغاندىن كىيىن قولىمىزغا پۇل پەيدا بولدى، باي بولدۇق، ئارىمىزدىن بەزىلەر ھەتتا “فوربىس” ژورنىلىدىكى دۇنيا بايلىرى قاتارىغا كىردى" دەپ رازىلىق ئىپادىلىسە، كۆپ سانلىق كشىلەر بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ناھايىتى بەل چۇڭۇپ كەتكەنلىكتىن، بولۇپمۇ دېھقانلار چىرىكلىك يامراپ كېتىپ قاقتى - سوقتى قىلىنغانلىقىدىن بىزار بولۇپ قاتتىق نارازىلىق ئىپادىلىمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفوسسورى دىڭ ئەپەندى: "دېڭ شاۋپىڭ خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ماددى تۇرمۇشنى ياخشىلاش جەھەتتە تۆھبە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇنىڭ قوللانغان سىياسەتلىرىدىن تۈزۈلمە خارەكتىرلىق چىرىكلىك ئاپىتى پەيدا بولدى، جەمىيەتتە ئەخلاق كرزىسى كىلىپ چىقتى" دېگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئىشىكنى ئېچىۋېىتىش" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى سەي ئەپەندى : "ئىسلاھات جەريانىدا ھۇقۇق - مەنسەپ تىجارىتىمۇ پەيدا بولدى، بۇنداق شەكلدە ئىپادىلەنگەن چىرىكلىكنى دېڭ شاۋپىڭنىڭ “ئىقتىسادىي جەھەتتە كەڭ قۇيۇۋېتىش”، ئەمما “سىياسى جەھەتتە قاتتىق كونتىرول قىلىش ” دېگەن سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمىلىيەتتە ئۇ خىتايدا “بىر پۇت بىلەن ئاقساپ ماڭىدىغان” ئىسلاھات ئېلىپ باردى. بۇنداق ئىسلاھاتتا جۇغلانغان چىرىكلىك پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزدى، ھەتتا ئۇنىڭدىن تەلۋە خىتاي مىللەتچىلىكى پەيدا بولدى" دېگەن.
8 - ئاينىڭ 22- كۈنى خىتايدا دېڭ شاۋپىڭنى خاتىرىلەشنىڭ دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولدى، ــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ لىن باخۇا ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا، ـــــــ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئادەتتە ئۇچۇق سورۇنلاردا كۈرۈنمەيدىغان بىر مۇنچە سىياسى قېرىلارمۇ كىلىپ قاتناشتى. ئۇلار دېڭ شاۋپىڭنىڭ "ئۆمۈر بۇيى ئەمەل تۇتۇشنى بىكار قىلىش" توغرسىىدا دېگەن سۆزلىرىنى تەكرار- تەكرار مەدىھىيىلىدى، بۇ ئارقىلىق تىغ ئۇچىنى بىۋاستە جاڭ زېمىنگە قاراتتى. گەرچە دېڭ شاۋپىڭ شۇنداق دەپ جاكالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىرى يۈرگۈزىۋاتقان "ئۆمۈرلۈك ھۇقۇق تۇتۇش تۈزۈمىنى " ئەمەلدىن قالدۇرمىدى، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى. دېڭ شاۋپىڭ -1987 يىلى "مەن بۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا بىر پارتىيە ئەزااسى" دەپ جاكالىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىق تۈردە ھەربى كومىتىېتنىڭ رەئىسىى بولۇپ تۇردى. ئەگەر ئۇ راستىلا ئارامغا چىقىپ ، ھەربى ھۇقۇق جاۋزىياڭنىڭ قولىدا بولغان بولسا، 89 - يىلىدىكى دېمۇكراتىك ھەرىكەتنىڭ تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولاتتى
1993 - يىلى باھار بايرىمىدا پارتىيە گېزىتلىرى دېڭ شاۋپىڭنى "سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ" دەپ جاكالىغاندا، ئەمىلىيەتتە ئۇ ئاللىقاچان "شامالدا قالغان چىراغ"غا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇ ھۇقۇقتىن ۋازكەچمىگەن. 94 - يىلى، جاڭ زېمىن دېڭ شاۋپىڭ قولىدىكى ھۇقۇقنى ئۆتكۈزىۋالغان ھامان، ئالدى بىلەن دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىكى ھۇقۇقنى دەرھال تارتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوغلىغا تۇتقۇزدى. ھازىر خۇجىنتاۋ ھۇقۇق تۇتتى دېيىلگەن بىلەن، ئەمىلىيەتتە ھەربى ھۇقۇق تېخىچە جاڭ زېمىننىڭ قولىدا بولغاچقا، شۇڭلاشقا خۇجىنتاۋ ئۆزىنىڭ پىلانىنى يولغا قۇيالمايۋاتىدۇ،ـــــــــ دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ــــــــ دېڭ شاۋپىڭنىڭ نىمىنى قىلغانلىقى ۋە نىمىنى قىلمىغانلىىقى ھەممە كىشىگە ئايان. يىغىپ ئەيتقاندا، دېڭ شاۋپىڭ خىتايدا 1 -دىن، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىلا يولغا قۇيۇپ، ئەمما سىياسى ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويدى، شۇڭلاشقا چىركلىك ئەدەپ كەتتى. 2 - دىن، دېڭ شاۋپىڭ "ئالدى بىلەن بىرقىسىم كىشىلەر باي بولسۇن" دەپ جاكالاش ئارقىلىق ئەمىلىيەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىلىىرىنى ۋە باشقا پارتىيە بەگزادىلىرىنى باي قىلدى. باشقا بىر كىم باي بولۇشقا ھەرىكەت قىلسا، ئۇنى تۇراقسىزلىق پەيدا قىلدى ياكى قاليمىنقاچىلىق چىقاردى دەپ باستۇردى. توغرىسىنى ئومۇمەن، دېڭ شاۋپىڭ كوممۇنىست پارتىينىڭ ھۇكۇمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىنى لايىھەلەپ چىقتى.
ھەممىمىزگە ئايانكى، ماۋزېدوڭ گۇمران بولۇش گېرداۋىغا كەلتۈرۈپ قويغان خىتاي ئىقتىسادىنى دېڭ شاۋپىڭ غەربنىڭ كاپىتالىزىمى بىلەن قۇتقۇزىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق ھېساپتا ئۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھالاك بولىشىنى كىچىكتۈردى. ـــــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ لى يى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە، ـــــ دېڭ شاۋپىڭ ھايات ۋاختىدا "مەن ماركىسىزمنىڭ كىتابىدىن پەقەت بىر نەچچە مىڭ خەتلىك "كومپارتىيە خىتاپنامسى" دېگەننىلا ئۇقۇغان" دېگەن ئىدى، ئەمما ھازىر خۇجىنتاۋ ئۇنى "ئۇلۇغ مارسىزمچى" دەپ ماختىدى. داغدۇغىلىق دېمۇكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان دېڭ شاۋپىڭنى يەنە "ئۇلۇغ پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاپچىسى، سىياسەتشۇناست، ھەربىشۇناست، دېپلامات .... دەپ ھەرخىل ئوخشىمىغان ئەڭ چوڭ ناملار بىلەن ماختاشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نىمە دەپ غەلىتە سۆزلەر بىلەن ماختىشى مۇمكىن؟ دېڭ شاۋپىڭ ھايات ۋاختىدا "ئاق مۆشۈك، قارا مۆشۈك" دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى "ئۇلۇغ ھايۋاناتشۇناست" دەپ ئاتامدۇ؟ ئۇ ھايات ۋاختىدا "تاش سىلاپ دەريادىن ئۈتۈش" دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى "ئۇلۇغ گىئولوگ" دەپ ئاتامدۇ؟ ئۇ ھايات ۋاقتىدا يەنە "خەلقئارادىكى چوڭ ھاۋا رايى" ۋە "خىتايدىكى كىچىك ھاۋا رايى" دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى "ئۇلۇغ ھاۋارايىشۇناست" دەپ ئاتامدۇ؟ (ۋەلى)