دېڭ شاۋپىڭ ئۆلۈپ 10 يىل ئۆتكەندە، ئىنتىرنېتتە دېڭ شاۋپىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىسۇن' ، 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل ئىجتىمائى تۈزۈم' قاتارلىق سىياسىي مىراسىلىرى ھەققىدە بەس - بەستە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چوڭ قۇرۇقلۇق زىيالىيلىرى دېڭ شاۋپىڭنىڭ 'بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىسۇن' دېگەن سىياسىي مىراسى پەقەت كوممۇنىستلارنى بېيىتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خوڭكوڭ، تەيۋەنلەردە بولسا 'بىر دۆلەتتە ئىككى ئىجتىمائى تۈزۈم 'دېگەن سىياسىى مىراسىنىڭ ئاقمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دېڭ شاۋپىڭدىن مىننەتدار بولغان بىر قىسىم مەنپەئەتدارلار ئىنتىرنېتتە دېڭ شاۋپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ئەمما دېڭ شاۋپىڭ بەلگىلىگەن ئىز باسارلار ھازىر دېڭ شاۋپىڭغا ئاشكارا باھا بېرىشكە ياكى ئۇنىڭ يولىنى داۋمالاشتۇرۇشنى جاكارلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ھازى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىلشات ئەپەندى دېڭ شاۋپىڭنىڭ بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت يەنە بىر سىياسى مىراسى ھەققىدە توختالدى.
0:00 / 0:00