خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1994 - يىلى بېكىتكەن دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ ئورنىغا، كىلەر يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش كۆرسىتىلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي تەشكىلاتلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە، "مەزكۈر يېڭى بەلگىلىمە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىنىي ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

يېڭى بەلگىلىمىدە،" ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس، پۇقرالارنى بىرەر دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ۋە ياكى دىنىي ئېتىقاتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك. پۇقرالار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ بار- يوقلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك" دېيىلگەن. مەزكۇر بەلگىلىمىدە يەنە، "ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش جەريانىدا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش كۈچىيىشى مۇمكىن

باش شىتابى ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات دېرىكتورى نىكولاس بەكۇلىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ھەممىدىن قاتتىق كونترول قىلىدۇ. ھەتتا ئەڭ ئاساسىي دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىدۇ. بىزنىڭ ھازىر ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىمىگە "دىنىي رادىكال" دىگەن ئۇقۇمنى يېڭىدىن كىرگۈزۈپتۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاتالمىش " رادىكال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش" دىگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. خىتاينىڭ رادىكال دىنىي پائالىيەتلەر دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر، ھەجگە بېرىش دېگەندەكلەر، پەقەت شۇ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "دىنىي رادىكال" دىگەن ئۇقۇمىنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوق. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بۇ كاتىگورىيىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىدىن سىرت دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغانلار، ھەتتاكى بەزى دىنىي تەلىماتلارنى تارقاتقانلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز.

ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوق

نىكولاس بەكۇلىن ئەپەندى يەنە، بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە، دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەھمىيەتلىك مەزمۇننىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- مېنىڭچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمە پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي سىياسىتىنى تولۇقلاپ ئىزاھلىغان. دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى " نورمال" دەپ قارىغان دىنىي پائالىيەتلەرگە كاپالەت قىلىنغان. ھالبۇكى نېمىنىڭ "نورمال"، نېمىنىڭ "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي گۇرۇپپىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، ئۆز خاھىشى بويىچە دىنىي گۇرۇپپىلارنى تىزىمغا ئېلىش ياكى ئالماسلىقنى بېكىتىدۇ. شۇڭا، خىتايدىكى بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكتىن ئېغىز ئېچىش تەس.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى

باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لىيۇس ۋىشىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە يول ئاچمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:

- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرى ئاساسلىقى دىننى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىتلەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان. ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان مەسچىتلەرنى تاقاپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارغان ئىماملارنى تۇتقۇن قىلغان. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ۋەزىيەت ئوخشاش. بۇ يېڭى بەلگىلىمە بەلكىم، خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇقمايدىغانلارغا، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغاندەك كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق، ئەمىلىيەتتە بۇ بەلگىلىمە پەقەت ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىگەن دائىرىسى ئىچىدىلا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ دىنىي ھوقوقلىرىغا كاپالەت قىلىدۇ. ئۆز ئالدىغا دىنىي ئېتىقادىنى يۈرگۈزىدىغان كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق باستۇرىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ ئىنكاسى

بىر قىسىم ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرمۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىلەر يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزمەكچى بولغان بۇ يېڭى دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىگە ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.