دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ؟ (1)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا خىراجەت يېتىشمەسلىك،ئادەم كۆپ بولۇش،مائاش تارقىتىش قىيىن بولۇشتەك سەۋەپلەردىن،داۋالىنىش ھەققى بارغانسېرى قىممەتلەپ، دوختۇرلار كېسەللەردىن "قىزىل بولاق"، "شېرىنكا" ئالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئېغىرلاشتى. دوختۇرخانىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق "دوختۇر خانا گىرىپتار بولغان بىر خىل كېسەللىك" دەپ ئاتىماقتا. مەزكۇر رايوندىكى بەزى ئاخبارات - تەشۋىقات ۋاستىلىرىمۇ "دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ؟" دىگەن تېمىدا خەۋەر ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلاردىكى ماقالىلارنى بەرمەكتە.

دوختۇرخانىلاردىكى تۈرلۈك "كېسەللىكلەر"

يېقىندا ئېلان قىلىنغان "دوختۇرخانا كېسەل بوسا كىم داۋالايدۇ" دىگەن ماقالە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مەزكۇر ماقالىدا ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنداق يېزىلغان:

"تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بىر قىسىم دوختۇرخانىلار مۇنداق بىر نەچچە خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان:

ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى. بۇ دوختۇرخانىلاردا ئېغىر دەرىجىدە راسخوت يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولغان بىرخىل كېسەللىك. ھازىر دۆلەت بېرىۋاتقان ياردەم پۇل دوختۇرخانىدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسىم مائاشىنى بېرىشكە ئاران يېتىدۇ. دوختۇرخانىغا دورا، كېسەل تەكشۈرۈش، داۋالاش ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل كېرەك، يەنە سۇ، توك، يېقىلغۇ، ئىشخانا خىراجەتلىرى ئۈچۈنمۇ پۇل لازىم، دوختۇرخانا دوختۇرخانىنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم پۇل تېپىشى، پايدا يارىتىشى كېرەك، پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟ پايدىنى قانداق يارىتىدۇ؟ ھازىر ئايرىم دوختۇرخانىلار پۇل تېپىش ، پايدا يارىتىش ئۈچۈن، قولىنى كېسەللەرگە سۇنماقتا. بىر قىسىم كېسەللەرنى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرگە بۇيرۇش، يەڭگىل كېسەلگىمۇ چوڭ رېتسىپ يېزىش، ئادەتتىكى دورىلار بىلەنمۇ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللەرگە چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان قىممەت باھالىق دورىلارنى ئىشلىتىش، كېسەلنىڭ داۋالىنىش بالنېستتا يېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئوپىراتسىيە ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش... كە ئوخشاش داۋالاش قائىدىسىغا ۋە تىببىي ئەخلاققا يات بولغان، كىشىلەرنىڭ جانىجان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان ئىشلار.

ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى. مەزكۇر ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئوزۇق يېتىشمەسلىكتىن باشقا يەنە "ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى"، "تەمەخورلۇق كېسىلى"، "ھورۇنلۇق كېسىلى" ، "قان ئازلىق كېسىلى"، "ئىسراپخورلۇق كېسىلى" ۋە "ئال كېسىلى" قاتارلىقلارغا گېرىپتار بولىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن. مەسىلەن ئاپتور ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ "ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى" ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق يازغان:

" بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ تارقىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىشتىن ئادەم كۆپ بولۇش، ھەممە ئادەم چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى تەڭ يىيىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل كېسەللىك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇر، دوختۇرخانىلار چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە ھەدىدىن زىيادە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاران 30 پىرسەنت دوختۇرخانا، دوختۇر بار. (‘شىنجاڭ گېزىتىئ 1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى ساندىن). بۇ ‘كېسەللىكئ نۆۋەتتە شەھەرلەردە تىببىي خادىملار ئېشىپ قېلىش (ھەزىم قىلالماسلىق)، چەت، يېزا، نامرات رايونلاردا دوختۇر ئاز، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە"

مەزكۇر ماقالىدا يەنە: " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كىسىلى" ۋە "ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى" گە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ئاستا، ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، ‘كۈتۈپ تۇرۇش ، تەمە قىلىش، يۆلىنىۋېلىش خاھىشى كۈچلۈك ئىكەنلىكى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىنغان.

تەمەخورلۇق كېسىلى. "يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ پاكلىقىغا داغ تەككۈزمەي كەلگەن بەزى تىببىي خادىملاردا دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشقا پۇل تاپالماي، ئەزرائىلدىن جان ياكى ئۆلۈم تىلەۋاتقان كېسەللەردىن "قىزىل بولاق" ياكى ماددىي نەرسە ئېلىش، 'سەن ئۆل مەن تىرىلەيئ دەپ كېسەلنىڭ ھىسابىغا يېزىپ قويۇپ دورا ئېلىۋېلىش، كېسەلنىڭ مىھمان قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، دورا ئېلىم-بېرىمىدە 'شېرىنكانەئ، كېسەل تونۇشتۇرۇپ 'تاپان ھەققىئ ئېلىشتەك ناچار ئىستىللار يۈز بەردى. كىشىلەر بۇ خىل ھالەتنى تىببىي خادىملاردىكى "تەمەخورلۇق كېسىلى" دەپ ئاتىشاتتى.(مېھرىبان)