دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلان قىلىنغان "دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ" دىگەن ماقالىدا مەزكۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارغا "ئوزۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى"، "ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى"، "تەمەخورلۇق كېسىلى"، "ھورۇنلۇق كېسىلى" ، "قان ئازلىق كېسىلى"، "ئىسراپخورلۇق كېسىلى" ۋە "ئال كېسىلى" دېگەندەك ناملار بېرىلگەن.

ئاپتور ماقالىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە دوختۇرلۇق قىلغان، ھازىر شىۋىتسارىيىدە ياشاۋاتقان يۈرەك كېسەللىكلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور قەيسەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.