ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خىرسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن 10 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئەسەرنى نەشر قىلغان "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادا تۇرۇشلۇق شائىر ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان ئوسمان كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.