خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا بىر نەزەر
2004.09.14
بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى يېقىندا خىتايدا نەشرىيات تارماقلىرىنىڭ ھازىىقى ئەھۋالى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلدى.
ھازىرقى دىكتاتورلۇق بىلەن بۇرۇنقىسى ئوخشىمايدۇ
خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ "خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا بىر نەزەر سەرلەۋھىلىك ئوبزورىدا مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، خىتايدا نەشرىياتلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيېسى چەمبەرچەست كونتىرول قىلىۋالغان. شۇڭلاشقا دەرت تارتىۋاتقان ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلانمايدۇ. ھەممە كىشىگە مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دېكتاتۇرلىقى ئاستىدا تۇرىۋاتقان دۆلەت. ھازىرقى بۇ دېكتاتورلۇق بۇرۇنقى كونا شەكىلدىكى دېكتاتورلۇققا ئوخشىمايدۇ. بۇرۇنقى دېكتاتورلۇق شارائىتىدا گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئۇچۇرلار ۋاقەدىن كېيىن سۈرۈشتە قىلىناتتى، بۇ خۇددى بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قاراپ بېىقپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋاتكەنگە ئوخشايتتى. ئەمما ھازىرقىسى ئۇنىڭا ئوخشىمايدۇ، بالا تۇغۇلۇپ بولغىچىلا ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇرۇنقى ‘ئەكسىلئىنقىلاپچىئ دېگەن جىنايەت نامىنى ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى ‘ئاغدۇرمىچىلىقئدېگەنگە ئۆزگەرتىۋالدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى خەۋپكە دۇچ كەلگەن ھامان " دۆلەتنى ئاَغدۇرماقچى دېگەن نام بىلەن ئاللىبۇرۇن يۇقىتىشنى كۆزلىگەن ئادەملەرنى تېخى يۈز بەرمىگەن ۋاقەنىڭ جاۋاپكارى قىلىپ ئالدىن تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى تۈرمىگە تاشلايدۇ. خەۋەر - ئۇچۇرلارنى جەمىيەتكە يەتكۈزىدىغان ئاخبارات - نەشرىياتلارنىڭ ھەممىسى پارتىيىنىڭ ئورگىنى ياكى ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئۇلار پارتىيىگە زىيانلق بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇرنىڭ سىرتقا ئاشكارا قىلىنشى چەكلەپ تۇرىدۇ.
ئىنتېرنەت خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترول قىلىشى ئۇچۇن رىقابەت بولدى
دۇنيادا ئىنتىرنەت، يەنى ئىلىكتىرونلۇق ئۆتۈشمىنىڭ كەشپ قىلىنغانلىقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيېسىنىڭ ئۇچۇرلارنى كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن بىر چوڭ رېقابەت بولدى. ــــ دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ خۇپىڭ ئەپەندى، ــــــ چۈنكى ئىنتىرنەتتە كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر، ئوبزور ئېلان قىلىشنى ئالدىن ياكى دەرھال توسىۋېلىش ناھايىتى قېيىن. ئىنتىرنەت دېگەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن ئۇچۇرلار ئۆز - ئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۇرىدىغان تور. ئۇ پارتىيىنىڭ نىمىنى چەكلىگەن، نىمىنى چەكلىمىگەنلىكى بىلەن كارى يوق، نىمە ۋاقە يۈز بەرگەن بولسا، شۇنى ئىنتىرنەتكە يازسىلا تارقىلىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتىرنەتنى توسۇش ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ئىنتىرنەت ساقچىسى تەسىس قىلدى. ئۇلار بەزى ئۆتۈشمە نوقتىلىرىنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خاھلىمايدىغان ئۇچۇرلار پەيدا بولسىلا ‘خەتەرلىك يۈزلىنىشئ دەپ قاراپ ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇچۇرلارنىڭ شۇ ئۆتكەللەردە توسۇلۇپ قالماي تارقىلىپ كېتىدىغانلىرى بولىدۇ. ھۆكۆمەت ئۇچۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىېيىن، بەزى تەپەككۇرى ئۆتكۈر يازغۇچىلارنى مەخپى ھالدا تۇتقىن قىلىدۇ ياكى لۈكچەكلەرگە ئۇرغۇزۇپ زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما ئىنتىرنەت ئارقىلىق تارقالغان جامائەت پىكرى ھازىر پارتىيىىنى ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.
ئىسلاھاتتىن كەلگەن نەپ نىمە
خۇپىڭ ئەپەندى ئىسلاھاتتا پەيدا بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ: 89 - يىلىدا يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن ۋاقەسدىن بۇرۇن ئىسلاھاتتا ھەممە ئادەمگە نەپ تەگدى. ئەمما 4 - ئىيۇن ۋاقەسىدىن كېيىن، ئىسلاھاتتا ھەممە ئادەمگە تېگىدىغان نەپنى پارتىيە قايتىدىن تەقسىم قىلىشقا باشلىدى. بۇ تەقسىماتتا دۆلەت ئېگىلىكىدىكى كارخانا ئىشچىلىرى قۇربان بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلار توپى، نامراتلار توپى بارلىققا كەلدى. بۇرۇن كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ‘دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئومۇم خەلقنىڭئ، ‘كارخانا باشلىقى بىلەن ئادەتتىكى ئىشچى ھۇقۇقتا بارابەرئ دەپ تەشۋىق قىلاتتى. كېيىن پارتىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار تارتقان زىياننى ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشۇتىۋېتىش ئارقىلىق قاپلايدىغان بولغاندا، ئىشچىلار ‘بىز نىمە ئۈچۈن ئىشسىز بولۇپ قالىمىز، سەن نىمە ئۈچۈن ئىشسىز بولماي بەلكى خوجايىن بولۇپ تۇرىۋېرىسەنئ دېگەن سۇئالنى پارتىيېنىڭ ئۈزىگە قويدى. بۇرۇنقى تۈزۈمنى پارتىيە ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ تىكلىگەن، ئەمدى ئۇنى ئۆزگەتتىشكە توغرى كەلگەندە پارتىيە ئۆزى بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك . ئەمما پارتىيە خەلققە بەدەل تۆلەتكۈزدى. ھۆكۆمەت بۇ مەسىلىنى پاش قىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ دۇنياغا تاراپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىشسىزلىققا ھۆكۈمەت ئۆزى جاۋاپكار بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ ئىشسىزلىقنى خەلقنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويدى. پارتىيە ئۆزى پەيدا قىلغان ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنى خەلق ئۆزى ئاجىز بولغانلىقتىن بولدى دەپ بورمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئورۇندى. شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتتە" ئاجىز كىشىلەر توپى دەيدىغان ئاتالغۇ پەيدا بولدى.
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى
بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى خىتايدا ئەمگەكچىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ، نامراتلىشىپ ئازاپ - ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ساداسى دۇنيا ئاڭلانمايۋاتقانلىقى ۋە بۇنى ھەل قىلىش بىردىن بىر چارىسى نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ: ئومۇم خەلق ئېگىلىكىدىكى ياكى دۆلەت ئېگلىكىدىكى دېگەن تۈزۈمنى، يەنى سوتسىالىزىمنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈزى تەشەببۇس قىلىپ تىكلىگەن. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تۈرتكۈسى ئاستىدا يولغا قويۇلغان ئىسلاھاتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ تۈزۈمى پاچاقلاندى. ئەمما شۇ تۈزۈمنىڭ ئېگىسى بولغان كوممۇنىست پارتىيە تېخى تەختتىن چۈشمەي، بەلكى زىياننى خەلققە ئارتىپ قويۇپ، پايدىغا ئۆزى ئېگە بولىۋالدى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشسىزلىقى، نامراتلىقى، ئازاپ - ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقى، دەردىنى دۇنياغا ئەيتالمايۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ـــــ خىتاي كوممۇنىست پارتىيېسى تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى كېرەك. (ۋەلى)