ئېنېرگىيە مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي، رۇسىيە ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان خىتاي بىلەن ياپونىيە ھەر ئىككىلىسى رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە كۆز تىكمەكتە.
رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا قىلغان زىيارىتى غەلىبىلىك ئاياقلىشىپ، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان چېگرا مەسىلىسىدە كەڭ قوللۇق قىلىشى ۋە رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىنى قوللىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى تارتتى.
شۇنداقلا خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، بىر نەپەر ياپونىيىلىك خەلقئارا ئىشلار سىياسىي ئوبزورچىسى خىتاي باش ئەلچىسى ۋاڭ يىدىن، " خىتاينىڭ پۇتىن بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كۆپ تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزىشى، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بىرلىشىپ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟" دەپ سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن باش ئەلچى ۋاڭ يى،سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بۇ ئىدىيىنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەقەت ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئامېرىكا
كانادا كارلتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى فاكولتېتى پروفېسسورى جېيكوب كوۋالىئو (Jacob Kobalio) بۇ ھەقتە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ، تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش، ئېنېرگىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
" رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئامال بار ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاپ، چېگرا رايونلىرىدىكى مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرىگە زەربە بېرىشتە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئورنۇتۇشنى مەقسەت قىلغان"
گەرچە خىتاي بۇ قېتىم پۇتىننى چېگرا مەسىلىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە مەقسىتىگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما سىبىرىيىدىن داچىڭغا تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇشتا پۇتىننىڭ ماقۇللىقىنى ئالالمىدى. بۇنىڭدىن خىتاي ئەپسۇسلانسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە كۆرىشى
دەل بۇ ئارىدا خىتاي يەنە، رىقابەتچىسى ياپونىيە بىلەن سېككاكو تاقىم ئاراللىرىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش مەسىلىسىدە يەنە بىر مەيدان تالاش-تارتىش باشلىدى. ئېنېرگىيە مەسىلىسى خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىگە بارغانسېرى چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە تالاش-تارتىشىنى بارغانسېرى جىددىيلەشتۈردى.
يېقىندا، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىۋاتقان سېككاكو تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىدا يېڭىدىن گاز قىدىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، دېپلوماتىك يول بىلەن خىتايغا ئوچۇق قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. گەرچە خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيىنىڭ بۇ رايونغا ئىگە چىقىشىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور جېيكوب كوۋالىئو خىتاينىڭ ھەقىقەتەن ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغان دېڭىز ساھىلىگە يېقىن جايدا گاز قىدىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرغانلىقىنى، ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى دېپلوماتىك يول بىلەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنىئېيتىپ مۇنداق دېدى:
" خىتاي بۇنىڭدا ناھايىتى ئۇستاتلىق قىلدى. گەرچە بىۋاستە ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان جايغا كىرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا شۇنداق يېقىن جايدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تالاش-تارتىش 20 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ ئانچە ئاسان ھەل بولماسلىقى مۇمكىن."
ياپونىيە خەلقئارا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى تىيەنبىيەنمىڭ، ياپونىيە بىلەن خىتاي ھەر ئىككىلىسى ئېنېرگىيىگە زور ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بارغانسېرى كەسكىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ( پەرىدە )